رائۇف دەنكتاشنىڭ ۋاپاتىنىڭ 13-يىللىقى خاتىرىلەندى
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى جۇمھۇر رەئىسى رائۇف رائىف دەنكتاش ۋاپاتىنىڭ 13-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت لېفكوشادىكى خاتىرە قەبرىستانلىقىدا مۇراسىم ئارقىلىق خاتىرىلەندى.
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار ۋە دەنكتاش ئائىلىسىنىڭ قەبرىستانلىققا گۈلچەمبىرىك قويۇشى بىلەن باشلانغان مۇراسىمدا، ھۆرمەتتە تۇرۇلدى، مۇستەقىللىق مارشى ئېيتىلدى ۋە بايراقلار يېرىم چۈشۈرۈلدى.
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، قۇرغۇچى جۇمھۇر رەئىس رائۇف دەنكتاشنى ۋاپاتىنىڭ 13-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭقۇر ھۆرمەت، مىننەتدارلىق ۋە سېغىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە خاتىرىلەۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى، ھەمدە رائۇف دەنكتاشنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىنى قىبرىس مىللىي دەۋاسىغا بېغىشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تاتار ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم سىياسىتىنىڭ دەنكتاشنىڭ ئۆزلىرىگە قالدۇرغان ۋەسىيىتى ۋە مىراسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئۇنىڭ قالدۇرغان ۋەسىيىتىنى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەر كۈنى ئورتاقلىشىۋاتىمىز. قىبرىستا بىر كېلىشىم تۈزۈلىدىغان بولسا، بۇ چوقۇم ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش تۈزۈمى ئاساسىدا بولىدۇ، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن قىبرىس تۈرك خەلقى ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى مەڭگۈ قوغداپ قالالايدۇ مەۋجۇتلۇقىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرالايدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا شەھەر-يېزا ۋە كەنت مەجلىس ئەزالىقى ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزۈلدى
ئەزەربەيجاندا شەھەر، يېزا-بازار ۋە كەنت مەجلىس ئەزالىقى ئۈچۈن سايلام ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.