ئەرسىن تاتار جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرەپ ھاكىمىيىتىنى ئاگاھلاندۇردى
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى ئەرسىن تاتار، جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرەپ ھاكىمىيىتىنىڭ رەھبىرى نىكوس خرىستودۇلىدىسنىڭ ناتو ئەزالىقى توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
ئەرسىن تاتار خرىستودۇلىدىسنىڭ جەنۇبىي قىبرىستا يوقۇتۇپ قويغان خەلق قوللىشىنى قايتا قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى كۈنتەرتىپ يارىتىش خىيالىدا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خرىستودۇلىدىسنى ئۆز خەلقىنى ئالداشتىن ۋاز كېچىشكە شۇنداقلا مەيداندىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.
تاتار يەنە، رۇم تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش جەريانىدىكى شەرتلەرگە پەرۋا قىلمايۋاتقانلىقىنى ۋە ناتوغا ئەزالىق جەريانىنىڭ بۇنىڭدىن تېخىمۇ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خرىستودۇلىدىسنىڭناتو توغرىسىدىكى تەلۋىلەرچە سۆزلىرىنى تەنقىدلەپ، تۈركىيەنىڭ بۇنداق ئۆز بېشىمچى سىياسىي قارارلارغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئەرسىن تاتار: «خرىستودۇلىدىسنىڭ سۆزلىرىنىڭ مەقسىتى ناتودىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەت بولغان تۈركىيەگە قارشى ھەرىكەت قىلىش، شۇنداقلا رۇم تەرەپ مىللىي مۇداپىئە ئارمىيەسىنى تۈركىيەگە قارشى چېكىندۈرتگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش خام خىيالىدىن ئىبارەتتۇر، ئەمما تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى 1974-يىلى 20-ئىيۇلدا قىبرىسقا تىنچلىق ئېلىپ كەلدى. ئەشۇ خوشاللىنارلىق كۈندىن بۇيان رۇم تەرەپنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىددىيەسىگە قارىماستىن، قەھرىمان تۈركىيە قىسىملىرى مەۋجۇدلۇقى ۋە چېكىندۈرگۈچ كۈچى بىلەن تىنچ ۋە خاتىرجەم مۇھىتنىڭ داۋاملىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلمەكتە» دېدى.