ئەرسىن تاتار: دۆلىتىمىز تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاق دېڭىزغا ئېچىلىدىغان دەرۋازىسى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار دۆلىتىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاق دېڭىزغا ئېچىلىدىغان دەرۋازىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2212694
ئەرسىن تاتار: دۆلىتىمىز تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاق دېڭىزغا ئېچىلىدىغان دەرۋازىسى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار تۈركىيە سودا-سانائەت ۋە پاي چىكى ئىتتىپاقىنىڭ بىريۇسسېلدىكى ۋاكالەتخانسىىدا بېلگىيەدىكى تۈركىيە سودا-سانائەتچىلىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

تاتار شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس سىياسىي مەسىلىلىرى بارلىقىنى تەكىتلەپ: «دۇنيا بىزنى تولۇق ئېتىراپ قىلمىغانلىقى ۋە ھېلىھەم ئىقتىسادىي جازا ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، بىر قىسىم قىيىنچىلىقلار بار، ئەمما شۇنداق تۇرۇقلۇق 1974-يىلىدىن بۇيان داۋاملىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلمەكتە» دېدى.

«قارشى تەرەپنىڭ ئورۇنسىز قىلمىشلىرىغا قارىماي، مۇستەقىل بىر تۈرك دۆلىتى سۈپىتىدە ئورنىمىزنى ئىگىلەۋاتىمىز» دېگەن تاتار، قىبرىستا 50 يىلدىن بۇيان تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىجىللىقىدا خەلقئارالىق مەبلەغلەرنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى چەكلىمە ۋە جازالار ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، تېخىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ راۋاجلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقلىمى، ھاۋاسى، يېشىللىقى، دېڭىزى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ ناھايىتى ئەۋزەل جەلپ قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن تاتار: «بۈگۈن شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى مۇستەقىل تۈرك دۆلىتى بولغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پورتلىرى، ھاۋا بوشلۇقىدىكى تەسىرى، كۆك ۋەتەن (دېڭىز) بايلىقى ۋە ئارقا سەپ بازىسى بولۇش ئىقتىدارى بىلەن پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاق دېڭىزغا ئېچىلىدىغان دەرۋازىسىدۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر