قازاقىستان ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ

قازاقىستان رۇسىيە-ئۇكرائىنا جىددىيچىلىكى تۈپەيلىدىن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ.

2212669
قازاقىستان ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېۋ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا جىددىيچىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئالاقىدار ئورگانلارغا قازاقىستاندىكى مۇھىم ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىش پەرمانى چۈشۈردى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مەتبۇئات ئىشلىرى باياناتچىسى بەرىك ئۇئالى فېيسبۇكتىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت توقايېۋنىڭ ئۇكرائىنا ئەتراپىدىكى كۈچىيىپ كەتكەن جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن باش مىنىستىر، پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىدارىسى باشلىقى، ئىچكى ئىشلار ئورگانلىرىنىڭ بارلىق مەسئۇللىرى ۋە ھەر قايسى ۋىلايەتلەرنىڭ ۋالىيلىرىغا پەرمان چۈشۈرۈپ، مۇھىم ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇئالى يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەردىن پارلامېنتتىكى پالاتا رەئىسلىرىنىڭمۇ ۋاقىپلاندۇرۇلغانلىقىنى ۋە دۆلەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ پىرېزىدېنتنىڭ بىۋاسىتە نازارىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئىستراتېگىيەلىك نىشانى مۇقىملىقنى، تىنچلىقنى، قانۇن ۋە تەرتىپنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. قازاقىستان ئىككى سلاۋيان خەلقى (رۇسىيە-ئۇكرائىنا) ئارىسىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ مۇزاكىرە ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇلۇشىنى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر