بايراموۋ سەردار قىلىچنى قوبۇل قىلدى
ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ تۈركىيە – ئەرمېنىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇساپىسى ئالاھىدە ۋەكىلى باش ئەلچى سەردار قىلىچنى قوبۇل قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ بارغان قىلىچ بايراموۋ بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان.
ئۇچرىشىشتا، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسى، رايوننىڭ ۋەزىيىتى، تۈركىيە-ئەرمىنىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇساپىسى توغرىسىدا ئالاھىدە ۋەكىللەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەر، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.
بايراموۋ قىلىچقا، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇساپىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئامىللار توغرىلىقمۇ توختالغان بايراموۋ، ئەرمېنىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ئەزەربەيجانغا قارىتا زېمىن تەلىپىنىڭ بارلىقى ۋە ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ ئەرمېنىيەنى قوراللاندۇرۇشىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
تۈركىيەنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاھىت باغجىمۇ قاتناشقان ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپلىك ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقلار ھەم باشقا رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.