تۈركىيە-قاراتاغ مۇسابىقىسى بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى فېدېراتسىيەسى (UEFA) B بىرلەشمە 4-گۇرۇپپىدىكى ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىسىنى، بۈگۈن (11-ئۆكتەبىر) سامسۇندا قاراتاغ كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ.
2197440
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە-قاراتاغ مۇسابىقىسى بۈگۈن سامسۇن 19-ماي تەنتەربىيە مەيدانىدا ئەنقەرە ۋاقتى 21.45، ئۈرۈمچى ۋاقتى 12-ئۆكتەبىر 0 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىدۇ. ئىتالىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەزاسى دانىيىلې گىففى (Daniele Chiffi) رېپېرلىق قىلىدۇ.
تۈركىيە كوماندىسى گۇرۇپپىسىدىكى بىرىنچى قېتىملىق مۇسابىقىدە، گاللېر كوماندىسى بىلەن 0-0 تەڭلىشىپ قالغان ئىدى. ئىزمىردە ئىسلاندىيە كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئۇتقان ئىدى.
قاراتاغ كوماندىسى بولسا، ئىسلاندىيە كوماندىسىغا 2 گە قارشى 0، گاللېر كوماندىسىغا 2 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى.
تۈركىيە كوماندىسى گۇرۇپپىسىدا 4 نومۇرغا ئېرىشكەن بولۇپ بىرىنچى، گاللېر كوماندىسى 4 نومۇر بىلەن ئىككىنچى، ئىسلاندىيە 3 نومۇر بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى. قاراتاغ كوماندىسى نومۇرغا ئېرىشەلمىدى.
گۇرۇپپىدىكى يەنە بىر مۇسابىقىدە، ئىسلاندىيە كوماندىسى بىلەن گاللېر كوماندىسى رىقابەتلىشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
زەينەپ سۆنمەز مېكسىكادا رېكورت ياراتتى
تۈركىيە ئاياللار تېننس توپ ماھىرى زەينەپ سۆنمەز مېكسىكادا تارىخىي رېكورت ياراتتى.