سۈرىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەنقەرە زىيارىتى ۋە يېقىن كەلگۈسىدىكى سۈرىيە
تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە نەزەر (4)
سۈرىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەنقەرە زىيارىتى ۋە يېقىن كەلگۈسىدىكى سۈرىيە
(دوكتور جەمىل دوغاچ ئىپەك)
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەب تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدىكى يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانىنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە قوبۇل قىلدى. قوبۇل قىلىش مۇراسىمىغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانمۇ قاتناشتى. كېيىن خاقان فىدان سۈرىيەدىكى يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانى بىلەن كۆرۈشتى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىدىن باشقا، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىن، سۈرىيەدىكى يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇرھەف ئەبۇ قەسرا ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەنەس خەتتابمۇ قاتناشتى.
ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا يېڭى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە خەلقئارا قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەر سۈرىيەنىڭ جىددىي كۈنتەرتىپىگە ئايلىنىدىغاندەك قىلىدۇ. سۈرىيەدە 2024-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئوتتۇرىغا چىققان تېز ئۆزگىرىشلەر بۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە قانداق ئېتىراپ قىلىنىشى توغرىسىدا مۇھىم مەسىلىلەرنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن سۈرىيەدىكى يېڭى ھاكىمىيەتكە قانداق قارىلىدىغانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيەدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي ئۆلچەملەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى مەسىلىسىدە خەلقئارا قانۇندا مەلۇم قائىدىلەر بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى مەسىلىسى يەنىلا ئېنىق ئەمەس. بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن ئادەتتە تۆۋەندىكى ئۆلچەملەر نەزەردە تۇتۇلىدۇ:
-ئۈنۈملۈك كونترول: يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ دۆلەت زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەمەلىي كونترول قىلالىشى.
-خەلق رازىلىقى: يېڭى ھۆكۈمەتنى خەلقنىڭ قوللىشى.
-قانۇنىي سالاھىيىتى: يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا، ياكى ئىنقىلاب ۋە ئىسيان ئارقىلىق چىقىپ چىقمىغانلىقى.
-خەلقئارا ئەھدىنامىلەر: يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارا كېلىشىملەرگە رىئايە قىلىپ قىلماسلىقى.
بۇ ئۆلچەملەر بويىچە، ھەيئەت تەھرىر شامنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى يېڭى سۈرىيە ھاكىمىيىتى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىش جەھەتتە بەزى توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ھەيئەت تەھرىر شام تەركىبىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئىلگىرىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى باش ئاغرىقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشىغان ئاكتىيورلار سۈرىيەدە قۇرۇلىدىغان يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى شەرتى ئاستىدا بۇ ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان پۇرىتىپ ئۆتكەن. بۇ ئەلۋەتتە سۈرىيە ئۈچۈن ئىجابىي ئۆزگىرىش بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەيئەت تەھرىر شام رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا تەدبىرلىرىنى يېنىكلىتىش سىگناللىرى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېڭى ھاكىمىيەت بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشقا مايىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق، خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېڭى بىر ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى پەقەت سىياسىي ۋە دىپلوماتىك جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى پىرىنسىپ ۋە قانۇنىي جەھەتتىنمۇ مۇرەككەپ بىر مەسىلىدۇر.
خەلقئارا قانۇندا بىر ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى ئادەتتە دۆلەتلەرنىڭ قارارلىرىغا باغلىقتۇر. شۇڭا، ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ئوخشاش بىر دۆلەت ئۈچۈن ئوخشىمىغان ھاكىمىيەتلەرنى ئېتىراپ قىلىدۇ. مەسىلەن، بىرمادىكى بىر ھۆكۈمەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋەكىلى بولسا، يەنە بىر ھاكىمىيەتنىڭ خەلقئارا ئەدلىيە مەھكىمىسىدە ۋەكىلى بولىدۇ.
سۈرىيەدىكى يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى مەسىلىسى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا ئادالەتنىڭ بەرپا قىلىنىش-قىلىنماسلىقى مەسىلىسىنىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە. شۇڭا، سۈرىيەدىكى يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ ئادالەت ئورنىتىش قارىشى ۋە قەدەم تاشلىشى بۇ جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بۇ، ئۆتمۈشتىكى جىنايەتلەر بىلەن يۈزلىشىشنى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى نىشان قىلىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقادىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ياراشتۇرۇش كومىتېتىغا ئوخشىغان مىساللار، توقۇنۇشتىن كېيىنكى باسقۇچلارنى قانداق باشقۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سۈرىيە خەلقىنىڭ كېلەچىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. تۈركىيەنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتمۇ قوللىشى كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سۈرىيەدىكى يېڭى ھۆكۈمەت كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ھەرىكەت قىلىشى ۋە خەلقئارا مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى داۋاملىق ئېنىقسىزلىق ئىچىدە قالىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، سۈرىيەدە يېڭى بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن ھەم پۇرسەت ھەم سىناق خاراكتېرىگە ئىگە. دەرۋەقە، بۇ ھاكىمىيەت ئادالەت ئورنىتىش ۋە ھېساب بېرىش مەسئۇلىيىتى ئاساسىدا تەشكىل قىلىنمىغان تەقدىردە، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايونلۇق مۇقىمسىزلىقنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، خەلقئارا جەمئىيەت قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىگە رىئايە قىلغان ھالدا ھەرىكەت قىلىشى ۋە سۈرىيە خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.