يۈسۈپ ھەمەدانى: تۈرك تەسەۋۋۇپىنىڭ يېتەكچى سىماسى

تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇنەۋۋەرلىرى (03)

2232967
يۈسۈپ ھەمەدانى: تۈرك تەسەۋۋۇپىنىڭ يېتەكچى سىماسى

يۈسۈپ ھەمەدانى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىسلاملىشىشى ۋە ئانادولۇنىڭ قايتا تۈركلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان يەسەۋىيە ۋە نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرىدۇر. 11-ئەسىردە ياشىغان بۇ ئۇلۇغ سوپى، ھەم پىكىرلىرى ھەم يېتىشتۈرگەن شاگىرتلىرى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدا ئىز قالدۇرغان. بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر شەخس، بولۇپمۇ تۈرك ئەسىللىك بىر سوپى سۈپىتىدە دىققەت تارتىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى تۈرك-ئىسلام پىكرىنىڭ مۇھىم ئۈلگىسى بولۇپ، تەسەۋۋۇپنىڭ كەڭ جۇغراپىيەدە تارقىلىشىغا تۆھپە قوشقان.

يۈسۈپ ھەمەدانى 1048-يىلى ھەمەدان شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ چاغدا ھەمەدان سەلجۇق دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولۇپ، تۈرك نوپۇسى زىچ جايلاشقان رايون ئىدى. ھەمەدانىنىڭ ئائىلىسى تۈرك نەسەبلىك بىر ئائىلە بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ھەم تۈرك كىملىكىنى ھەم ئىسلامىي كىملىكىنى كۈچەيتكەن بىر ئامىل بولغان.

ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا ئىلىم تەھسىل قىلغان يۈسۈپ ھەمەدانى، بولۇپمۇ ھەدىس، فىقھى ۋە كالام ساھەلىرىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولغان. دەسلەپكى مائارىپنى ھەمەداندا ئالغاندىن كېيىن، باغدادقا بېرىپ ئۇ دەۋردىكى داڭلىق ئالىملاردىن دەرس ئالغان. باغداد ئۇ چاغدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ يەردە ئېرىشكەن بىلىملەر ھەمەدانىنىڭ تەسەۋۋۇپ يولىغا ئاساس سالغان.

يۈسۈپ ھەمەدانىنى باشقا ئالىملاردىن پەرقلەندۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇپقا بولغان قىزىقىشىدۇر. ئەنئەنىۋى ئىسلامىي ئىلىملەردە چوڭقۇرلاشقان ۋاقىتتا، سوپىزم ئېقىملىرى بىلەنمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان. باغدادتا ياشىغان مەزگىلدە ئابدۇلقادىر گەيلانى قاتارلىق تەسەۋۋۇپ دۇنياسىنىڭ كاتتا سىمالىرى بىلەن ئوخشاش مۇھىتتا بولغان ۋە ئۇلاردىن تەسىرلەنگەن.

يۈسۈپ ھەمەدانىنىڭ ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى تۈركىستاندا ئۆتكەن. بۇ يەردە بەرگەن ۋەز-نەسىھەتلىرى ۋە تەسەۋۋۇپ سۆھبەتلىرى ئارقىلىق تۈرك قەۋملىرى ئارىسىدا ئىسلامنى چوڭقۇر تارقىتىپ، بۇ جامائەتلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ تەسىرى پەقەت ئۆز دەۋرىدىلا چەكلىنىپ قالماي، ئەسىرلەر بويى تۈرك تەسەۋۋۇپىدا ھېس قىلىنغان.

يۈسۈپ ھەمەدانى 1140-يىلى مەرۋدە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىر تۈركمەنىستان چېگراسى ئىچىدىكى مەرۋ يېقىنىدىكى بايرامئەلى دېگەن يەردە بولۇپ، خوجا يۈسۈپ نامى بىلەن زىيارەتگاھقا ئايلانغان. يۈسۈپ ھەمەدانى يېتىشتۈرگەن ئىككى مەشھۇر خەلىپىسى ئارقىلىق ئىككى مۇھىم تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە زېمىن ھازىرلىغان. ئەھمەت يەسەۋى ۋە ئابدۇلخالىق غۇجدۇۋانى ئۇنىڭ ئەڭ مەشھۇر خەلىپىلىرىدۇر. بۇ خەلىپىلەر تۈرك دۇنياسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن يەسەۋىيە ۋە نەقشىبەندىيە تەرىقەتلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم سىمالار ھېسابلىنىدۇ.

يۈسۈپ ھەمەدانى تۈرك-ئىسلام تەسەۋۋۇپىنىڭ يېتەكچى سىمالىرىدىن بىرى سۈپىتىدە، ئىسلام پىكرىگە ھەم نەزەرىيە ھەم ئەمەلىيەت جەھەتتىن تۆھپە قوشقان. تۈرك ئەسىللىك بىر سوپى بولۇشى، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئانادولۇ قاتارلىق تۈركلەر زىچ ياشايدىغان رايونلاردا تېخىمۇ تەسىرلىك بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. ھەم يېتىشتۈرگەن شاگىرتلىرى ھەم ئوتتۇرىغا قويغان مەنىۋى تەلىماتلىرى بىلەن ھەمەدانى، ئىسلام تارىخىنىڭ مۇھىم شەخسلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇنىڭ ھاياتى ۋە پىكىرلىرى، ئىسلام ۋە تەسەۋۋۇپ تارىخىنى چۈشىنىشنى ئارزۇ قىلغۇچىلار ئۈچۈن مۇھىم مەنبەدۇر.

خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور جەمىل دوغاچ ئىپەك

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر