فىداننىڭ شىمالىي قىبرىس زىيارىتى ۋە تۈركىيە – شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مۇناسىۋەتلىرى
تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە نەزەر (3)
فىداننىڭ شىمالىي قىبرىس زىيارىتى ۋە تۈركىيە – شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مۇناسىۋەتلىرى
(دوكتور جەمىل دوغاچ ئىپەك)
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى. خاقان فىدان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، پارلامېنت باشلىقى زىيا ئۆزتۈركلەر، باش مىنىستىر ئۈنال ئۈستەل ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاھسىن ئەرتۇغرۇلئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى. باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدىكى ئۇچرىشىشقا مۇئاۋىن باش مىنىستىر، ساياھەت، مەدەنىيەت، ياشلار ۋە مۇھىت ئاسراش ئىشلىرى مىنىستىرى فىكرى ئاتائوغلۇ، قۇرۇلۇش ۋە قاتناش ئىشلىرى مىنىستىرى ئەرھان ئارىقلى قاتناشتى. خاقان فىدان يەنە جۇمھۇرىيەتچى تۈرك پارتىيەسى رەئىسى تۇفان ئەرھۈرمان ۋە خەلق پارتىيەسى رەئىسى قۇدرەت ئۆزەرساي بىلەنمۇ كۆرۈشتى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار تاتار بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، قىبرىس تۈركلىرى دۇچ كېلىۋاتقان يېتىم قالدۇرۇش سىياسىتىنىڭ پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەت سۈكۈت قىلىدىغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قىبرىسنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ئورنىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تارىخىي، مەدەنىيەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك رىشتىلەر بىلەن شەكىللەنگەن بولۇپ، چوڭقۇر ھەمكارلىق ۋە ھەمنەپەسلىك ئاساسىدا راۋاجلاندى.
قىبرىس ئارىلى 1571-يىلى تۈرك ئىمپېرىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتتى ۋە تەخمىنەن ئۈچ ئەسىر ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولدى. 1878-يىلى ئارال بىرىتانىيە ئىمپېرىيەسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى ۋە 1960-يىلى قىبرىس جۇمھۇرىيىتى نامى بىلەن مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. بىراق، 1963-يىلى قىبرىس رۇم تەرىپىنىڭ قىبرىس تۈرك خەلقىگە قارشى باشلىغان ھۇجۇملىرى ۋە ئاساسىي قانۇن تۈزۈمىنى بۇزۇش ئۇرۇنۇشلىرى نەتىجىسىدە، قىبرىس تۈركلىرى دۆلەت ئورگانلىرىدىن چەتلەشتۈرۈلدى ۋە ئېغىر بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلدى. بۇ ئەھۋال 1974-يىلى گىرېتسىيەدىكى ھەربىي ھاكىمىيەت قوللىغان سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە ئېنوسىس (قىبرىس ئارالىنى گىرېتسىيەگە قوشۇۋېلىش) ئۇرۇنۇشى بىلەن تېخىمۇ خەتەرلىك ھالغا كەلدى. تۈركىيە 1960-يىلقى كاپالەت كېلىشىمىنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىكى ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە مەسئۇلىيەتلىرى دائىرىسىدە، قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئارالدىكى ئاساسىي قانۇن تۈزۈمىنى قايتا تىكلەش مەقسىتىدە 1974-يىلى 20-ئىيۇل كۈنى تىنچلىق ھەرىكىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەرىكەت قىبرىس تۈركلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ھەق - ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
1983-يىلى 15-نويابىر كۈنى قىبرىس تۈرك خەلقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قوللىنىپ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلدى. تۈركىيە شۇ كۈنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ئارقىدىنلا ئۆزئارا ئەلچىخانىلار ئېچىلدى. بۇ باسقۇچ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ رەسمىي ئاساسلىرىنى شەكىللەندۈردى.
تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا سەھنىلەردە بىر-بىرىنىڭ ھەق-مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ، قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ئادىل ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەردە، تۈركىيە قىبرىس تۈرك تەرەپنىڭ ھوقۇقتا باراۋەرلىك ئورنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە. 2008-يىلى باشلانغان ۋە ھەرخىل مەزگىللەردە ئۈزۈلۈپ قالغان سۆھبەت باسقۇچلىرىدا، تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئارالدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. ئەمما، قىبرىس رۇم تەرىپىنىڭ مۇرەسسەلەشمەس پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن سۆھبەتلەردە كۈتۈلگەن ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىدى.
تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، ھەرخىل كېلىشىملەر ۋە ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەلىرى بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلەنمەكتە. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 1983-يىلى ئىمزالانغان سودا - ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ كېلىشىم سودىنىڭ راۋاجلىنىشى، تېخنىكىلىق ھەمكارلىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ساھەلىرىدە ئورتاق تۈرلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.
تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە ھەربىي ياردەم بەرمەكتە. بۇ جەھەتتە، تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ قىبرىستىكى مەۋجۇدىيىتى ئارالدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ۋە تەلىم - تەربىيە پىروگراممىلىرى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىلمەكتە.
شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ۋە دېڭىز ھوقۇق دائىرىلىرى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ مۇھىم ھالغا كەلتۈردى. تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە رايوندىكى بۇرغۇلاش ۋە تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىپ، خەلقئارا سەھنىلەردە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدىماقتا. بۇ ھەمكارلىق رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تارىخىي ۋە مەدەنىيەت رىشتىلەر بىلەن بىرگە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك ئاساسىدا شەكىللەندى. ئىككى دۆلەت سىياسىي، ئىقتىسادىي، مۇداپىئە ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە چوڭقۇر ھەمكارلىق ئورناتماقتا. قىبرىس مەسىلىسىنى ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورتاق نىشانلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ كۈچلۈك مۇناسىۋەتلەر رايونلۇق مۇقىملىق ۋە تىنچلىق ئورنىتىشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.