دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى
بۈگۈن 12 – دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى.
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى
پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىن ۋە باراۋەر بولىدىغانلىقى چۈشەنچىسىگە ئاساسەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى، 1948-يىلى 10-دېكابىردا بۇ كۈننى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» قىلىپ بېكىتتى. تۈركىيە 1949-يىلى ئاپرېلدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلۇش ئەھدىنامىسىنى ئىمزالىدى. تۈركىيە 1949-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى 10- دېكابىرنى كىشىلىك ھوقۇق كۈنى سۈپىتىدە تەبرىكلەپ كەلمەكتە.
كىشىلىك ھوقۇققا بولغان تونۇشنىڭ ئۆسۈشى نەتىجىسىدە، كىشىلىك ھوقۇق كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەبرىكلىنىدىغان ھالەت شەكىللەندى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەن دىكتاتورلارنىڭ دۇنيانى ھالاكەت يولىغا باشلىشى، ئۇرۇش، سۈرگۈن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە قەتلىئاملارنىڭ يۈز بېرىشى قاتارلىق پاجىئەلىك ھادىسىلەر نەتىجىسىدە، خەلقئارالىق جەمئىيەت ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈنلا بەزى ھەق-ھوقۇقلارغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى زۆرۈرىيىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.
كۈنىمىزدىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلار يۈز بەرمىسىمۇ، ئىراق، سۈرىيەگە ئوخشاش جايلاردا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلارغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلار خاتىمە بېرىشكە تىرىشماقتا. دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، توقۇنۇش، قالايمىقانچىلىق ۋە تېررورىزم سەۋەب بولۇۋاتقان ھەر قانداق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ بۇرۇنراق ئاخىرلىشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.