ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى قارارگاھ قىلدى

قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە تەرجىمىسى (466) - زۇخرۇف سۈرىسىنىڭ 1 دىن 11 كىچە بولغان ئايەتلىرى ۋە تەرجىمىسى.

2218723
ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى قارارگاھ قىلدى

ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى قارارگاھ قىلدى

 ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

حا، مىم[1]. روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى، سىلەرنى (ئۇنىڭ مەنىسىنى) چۈشەنسۇن دەپ، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق[2ـ3]. ھەقىقەتەن ئۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (مۇقىملاشقان) يۇقىرى مەرتىۋىلىك ھېكمەتلىك (كىتاب) دۇر[4]. سىلەر (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقان قەۋم بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشنى تەرك قىلامدۇق؟[5] ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق[6]. ئۇلارغا قانداق بىر پەيغەمبەر كەلمىسۇن، ئۇلار ئۇنى (قەۋمىڭ سېنى مەسخىرە قىلغاندەك) مەسخىرە قىلدى[7]. ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۈستۈن بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق، ئىلگىرىكىلەرنىڭ قىسسىلىرى قۇرئاندا ئۆتتى[8]. ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلار ۋە زېمىننى كىم ياراتتى» دەپ سورىساڭ، ئۇلار: «ئەلۋەتتە ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى (ئاللاھ) ياراتتى» دەيدۇ[9]. ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى قارارگاھ قىلدى، (سەپەردە كۆزلىگەن يېرىڭلارغا) بېرىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە زېمىندا نۇرغۇن يوللارنى ياراتتى[10]. ئاللاھ بۇلۇتتىن (سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەي، پايدا يەتكۈزىدىغان) ئۆلچەمدە يامغۇر ياغدۇردى، ئۇنىڭ بىلەن بىز (گىيا ئۈنمەس قاقاس) ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈردۇق، سىلەر مۇشۇنداق (يەنى ئۆلۈك يەردىن ئۆسۈملۈك چىقىرىلغاندەك) (قەبرەڭلاردىن) چىقىرىلىسىلەر[11].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر