تۈرك تارىخشۇناسلىقى ۋە ئاكادېمىك دۇنياسىنىڭ سەركە زىيالىيلىرىدىن پىروفېسسور دوكتور ئىلبەر ئورتايلى
«ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈرك تارىخشۇناسلىقى ۋە ئاكادېمىك دۇنياسىنىڭ سەركە زىيالىيلىرىدىن پىروفېسسور دوكتور ئىلبەر ئورتايلى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
تۈرك تارىخشۇناسلىقى ۋە ئاكادېمىك دۇنياسىنىڭ سەركە زىيالىيلىرىدىن پىروفېسسور دوكتور ئىلبەر ئورتايلى
1947-يىلى ئاۋسترىيەدە دۇنياغا كەلگەن ئورتايلى، ئائىلىسىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەجبۇرىي كۆچۈشى سەۋەبىدىن تۈركىيەگە ئورۇنلاشقان. ئورتايلىنىڭ ئاكادېمىك ھاياتى، تۈرك ۋە ئوسمانلى تارىخىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە دائىر چوڭقۇر تەتقىقاتلىرى ۋە بۇ مەلۇماتلارنى خەلق بىلەن ئورتاقلىشىش قابىلىيىتىدە نامايان بولغان. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى بىلەن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا پىروفېسسور دوكتور خەلىل ئىنالجىك بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەن ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى تاماملىغان.
ئىلبەر ئورتايلى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى چوڭقۇر تەتقىقاتلىرى بىلەن ئالاھىدە تونۇلغان. ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلمىسى، دىپلوماتىيە، قانۇن ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرى، ئۇنىڭ تارىخچى سۈپىتىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئورۇنغا ئېرىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرك دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى، بولۇپمۇ تۈرك تارىخىنىڭ ئورتاق مىراسىنى تەكىتلىشى ۋە بۇ مىراسنى جانلاندۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى بىلەن كۆزگە چېلىققان.
ئورتايلى، بولۇپمۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ تارىخىنى ئورتاق نۇقتىئىنەزەردىن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تارىخىي رىشتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بۇ جەھەتتە، ھەرخىل ئاكادېمىك يىغىنلار ۋە سېمىنارلاردا ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ، تۈرك دۇنياسىدىكى تارىخ چۈشەنچىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۆھپە قوشقان. ئورتايلىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرىگە دائىر مەلۇمات بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ مەلۇماتلار تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق تارىخ ئېڭىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇنىڭ ئوسمانلى تارىخى تەتقىقاتلىرىدىن باشقا، «تارىخنىڭ چېگرالىرىغا سەپەر»، «تارىخىمىز ۋە بىز»، «تۈركلەرنىڭ تارىخى، ئوتتۇرا ئاسىيا دالالىرىدىن ياۋروپا دەرۋازىلىرىغىچە» قاتارلىق قىممەتلىك كىتابلىرى بىر ئوقۇرمەننىڭ كۇتۇپخانىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسلىق كىتابلار ھېسابلىنىدۇ.
تارىخ قاراۋۇلى ئىلبەر ئورتايلى بۈگۈنگە قەدەر ۋىيېننا ، بېرلىن، پارىژ، پىرىنسېتون ، موسكۋا، رىم، مىيۇنخېن، ئىستراسبۇرگ، يانيا، سوفىيە، كىيېۋ، كەمبرىج، ئوكسفورد ۋە تۇنىس ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا مېھمان ئوقۇتقۇچى بولغان، سېمىنارلار ۋە لېكسىيەلەر بەرگەن. 1989-2002-يىللىرى ئارىسىدا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتىدا ئىدارە تارىخى بىلىم تارمىقى باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 2002-يىلى گالاتاساراي ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكەلگەن. ئىككى يىلدىن كېيىن بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىدا مېھمان ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر گالاتاساراي ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ۋە م ئە ف ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىدا تۈرك قانۇنچىلىق تارىخى دەرسلىرىنى ئۆتۈۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئۇ گالاتاساراي ئۇنىۋېرسىتېتى كېڭىشى ئەزاسى. 2005-2012-يىللىرى ئارىسىدا توپقاپى سارىيى مۇزېيىنىڭ باشلىقى بولغان. ئورتايلى خەلقئارالىق ئوسمانلى تەتقىقات كومىتېتى باشقۇرۇش كېڭىشى ئەزاسى، ياۋروپا ئىرانشۇناسلىق جەمئىيىتى ھەمدە ئاۋسترىيە-تۈركىيە پەنلەر مۇنبىرىنىڭ ئەزاسى. ئۇ 2018-يىلى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان.
ئىلبەر ئورتايلى رادىيو پىروگراممىلىرى ۋە تېلېۋىزىيەلەردە مۇرەككەپ تارىخىي تېمىلارنى خەلققە ئاددىي شەكىلدە يەتكۈزۈش قابىلىيىتى بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئۇ تۈرك دۇنياسىغا دائىر تەييارلىغان پىروگراممىلىرىدا، تارىخىي بىرلىك ۋە ئورتاق مەدەنىيەتنى تەكىتلەپ، ئىجتىمائىي ئاڭنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشقان. بولۇپمۇ مۇھىم تۈرك رەھبەرلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ مىراسىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرى، تۈرك دۇنياسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشتە چوڭ رول ئوينىغان. يۇقىرى سەۋىيەدە نېمىسچە، رۇسچە، ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، ئىتالىيانچە، پارسچە ۋە ياخشى سەۋىيەدە لاتىنچە بىلىدىغان ئىلبەر ئورتايلى، ئۆمرىنى تۈرك تارىخشۇناسلىقىغا بېغىشلىغان ۋە نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. 2001-يىلى ئايدىن دوغان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئورتايلى، 2006-يىلى ئىتالىيەدە لازىئو رايونى ھۆكۈمىتى يولغا قويغان ۋە ھەر يىلى داۋاملىشىشى پىلانلىنىۋاتقان ئاق دېڭىز فېستىۋالىدا ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تارىخى ساھەسىدىكى «ياۋروپا بىلەن ئاق دېڭىز ئارىسىدىكى لازىئو» مۇكاپاتىنى ئالغان. 2007-يىلى رۇسىيە تەرىپىدىن رۇس تىلى ۋە مەدەنىيەت مىراسىنى تارقاتقان، دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ بىر-بىرىگە يېقىنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن كىشىلەرگە بېرىلىدىغان پۇشكىن مېدالىغا تۈركىيەدىن ئورتايلى سازاۋەر بولغان. 2017-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت چوڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
پىروفېسسور دوكتور ئىلبەر ئورتايلىنىڭ تۈرك تارىخى تېمىلىرىدىكى چوڭقۇر تەسىرى، ھەم ئاكادېمىك ساھەدە ھەم ئومۇمىي جەمئىيەتتە يۇقىرى باھاغا ئېرىشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ پەقەت بىر تارىخچىلا ئەمەس، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق تارىخ ئېڭىنى جانلاندۇرىدىغان ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزىدىغان مۇھىم مەدەنىيەت ئەلچىسىدۇر. ئۇنىڭ چوڭقۇر بىلىمى ۋە سەمىمىي سۆزلەش ئۇسلۇبىنى، تارىخ سۆيەرلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەۋرەنمەس قىلغىنى، ئۇنىڭدىكى چەكسىز مەرىپەت ئىشتىياقى ۋە قىزغىنلىقى بولغان.
مەنبە:
1. İlber Ortaylı. (2006). Osmanlı’yı Yeniden Keşfetmek. İstanbul.
2. İlber Ortaylı. (2007). Tarihin Sınırlarına Yolculuk. İstanbul.
3. İlber Ortaylı. (2008). Tarihimiz ve Biz. İstanbul.
4. https://bilgiyay.com/yazar/ilber-ortayli/ (15.11.2024)