ترامپنىڭ يېڭى ئىچكى كابىنېتى ۋە دۇنيا تەرتىپىگە كۆرسۈتكۈسى تەسىرى
كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (48)
ترامپنىڭ يېڭى ئىچكى كابىنېتى ۋە دۇنيا تەرتىپىگە كۆرسۈتكۈسى تەسىرى
دونالد ترامپنىڭ ئىچكى كابىنېتى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. ترامپنىڭ ئىچكى كابىنېتىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ھەر بىر يېڭى شەخس بىلەن ترامپ رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكانىڭ يولغا قويغۇسى تاشقى سىياسىتى ۋە تاشلىغۇسى قەدەملىرى پۈتكۈل دۇنيا تەرىپىدىن قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە كۈتۈلمەكتە. ترامپ خۇددىي بىر «قارام ئادەم» سۈپىتىدە خەتەر ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى شەخستۇر. دەرۋەقە، ئۇ ئامېرىكانىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە سىياسىتىدىن ھالقىپ، رادىكال قەدەم تاشلاشقا مايىل بىر پىرېزىدېنتتۇر.
بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي، رۇسىيە-ئۇكرائىنا، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق كىرىزىس رايونلىرىدا تاشلىغۇسى رادىكال قەدەملىرى ئېغىر ئېنىقسىزلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
دونالد ترامپنىڭ ئىچكى كابىنېتى ۋە A گۇرۇپپىسى شەكىللىنىشكە باشلاندى. پۈتكۈل دۇنيا ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىشىنى ئەندىشە ئىچىدە كۈتمەكتە. تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولغان ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە ترامپ، بۇ يېڭى باسقۇچتا پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن خەتەر ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى شەخستۇر. ترامپ ھازىرغىچە شۇنداق بىر ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلدىكى، ئەسلىدە كابىنېتىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق كىشى ئۆزى دېسەك دەل جايىدا بولىدۇ.
ترامپنىڭ ئىچكى كابىنېتىدىن ئورۇن ئېلىشنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ترامپقا قەتئىي ئىتائەتمەن ۋە ساداقەتمەن بولۇشتەك، باشقا ئالاھىدىلىكلىرى بولسا سىستېمىغا يات ئىدىيە ۋە پىكىرلەرگە ئىگە مەشھۇر شەخسلەر بولۇشتەك قىلىدۇ. ترامپنىڭ يېڭى ئىچكى كابىنېتىنىڭ نامزاتلىرى دېگۈدەك ھەر بىر مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدە كەسكىن پىكىرلەرگە ئىگە بولۇپ، ترامپچىلىق ئېقىمىنىڭ بىرەر جەڭچىسى ھېسابلىنىدۇ. ترامپ يېڭى ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە كەڭ كۆلەمدە ئىچكى ھېسابلىشىشقا ۋە ئامېرىكادىكى سىستېمىلاشقان تۈزۈمگە قارشى كۈرەش قىلىشقا تەييارلانماقتا. لىبېرال دېموكراتلارنىڭ دۇنياۋىلىشىش مايىللىقلىرى بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەن woke مەدەنىيىتى بىلەن ھېسابلىشىدىغان، مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەرنى قوغلاپ چىقىرىشقا تىرىشىدىغان، تېخنولوگىيەنى مونوپول قىلىدىغان، ئاخبارات ۋاستىلىرى ساھەسىگە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان بىر ئىچكى كابىنېت بىزنى كۈتمەكتە. دەرۋەقە، بۇ ئىچكى كابىنېتنىڭ تاشقى سىياسەتتىمۇ رادىكال قەدەملەرنى تاشلىشى مۇقەررۇردۇر. بۇ رادىكال مايىللىقلار دۇنيانىڭ قالغان قىسمى ئۈچۈن ھەم ئېنىقسىزلىق ھەم قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.
يېڭى باسقۇچنى ئالدىنقى ترامپ ھاكىمىيىتى باسقۇچى بىلەن سېلىشتۇرۇش توغرا ئۇسۇل ئەمەس. ئالدىنقى باسقۇچتا ئامېرىكانىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئاستىدا ئىزىلگەن، ئاجىز، ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە گېپى ئۆتمەيدىغان بىر ترامپ بار ئىدى، ھازىر بولسا تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە سايلانغان، ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتىنى كونترول قىلالايدىغان، تەجرىبىلىك ۋە ئۆزىگە مۇتلەق رەۋىشتە بويسۇنىدىغان كادىرلار قوشۇنى بىلەن بىرلىكتە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان بىر ترامپ بار.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ترامپ يېڭى ئىچكى كابىنېتى بىلەن بىرلىكتە باشقۇرىدىغان ئامېرىكانىڭ پۈتۈن كۈچىنى پەقەت ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشقىلا مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقىنى، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئەمەس، بەلكى بىر تەرەپلىمە سىياسەت ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. بۇ ئەھۋال دۇنيا تەرتىپىنىڭ، لىبېرال تۈزۈمنىڭ تاۋۇتىغا ئاخىرقى مىخلارنى قاقىدۇ ۋە بىزنى ئارىلاشما يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپىگە ئېلىپ بارىدۇ. ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ناتو قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى كونترول قىلالمىغاندا ئۇلارنىڭ ئىچىنى قۇرۇقداپ قويىدىغان قەدەملەرنىمۇ تاشلايدۇ.
ھازىرغىچە تۇتۇپ كېلىۋاتقان پوزىتسىيەلىرىگە قارىغاندا يېڭى مەزگىلدە ئامېرىكانىڭ ئاساسىي ئىستراتېگىيەلىك زەربە بېرىش نىشانىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمىز. ئەمما، ھەل قىلغۇچ ئامىل قايسى ۋاسىتىلەر بىلەن خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىنىش مەسىلىسىدۇر. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە زەربە بېرىشنى نىشان قىلىدىغان ھەر خىل جازا تەدبىرلىرى يول قويۇلۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا بۇنىڭ بىلەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن يەرلەردە ھەربىي ئىمكانىيەتلىرىنىمۇ ئىشقا سېلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئافرىقاغا ئوخشاش خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان رايونلاردا ئامېرىكا ھەربىي كۈچىنى ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ كەم ئۇچرايدىغان يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان تومۇرلىرىنى كېسىش تىرىشچانلىقى مۇمكىندەك كۆرۈنىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ترامپ ئامېرىكانىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىق چۈشەنچىسىنى قايتا ئۆزگەرتىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشنى پىلانلىماقتا. بۇ جەھەتتە بولۇپمۇ ياۋروپا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان مۇناسىۋەتلەردە ئۇزۇن مۇددەتلىك سۈركىلىش ئوتتۇرىغا چىقىشى، بۇ دائىرىدە ياۋروپا دۆلەتلىرى چارە – تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىشى مۇمكىن.
يىغىپ ئېيتقاندا، ترامپنىڭ يېڭى ھاكىمىيەت باسقۇچىدا باشقىچە بىر ئامېرىكانى كۆرىمىز. ئەسلىدە سوراشقا تېگىشلىك سوئال شۇ: ترامپنىڭ يېڭى ھاكىمىيەت باسقۇچىدا ئامېرىكانىڭ چېكىنىشى تەتۈر يۆنىلىشكە بۇرۇلامدۇ ياكى يىمىرىلىشى تېزلىشەمدۇ؟ بۇنى ۋاقىت كۆرسىتىدۇ. ئەمما، ئامېرىكانىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ قالغان قىسمىغا بىر تەرەپلىمە سىياسەت ۋە ئىقتىساد/ھەربىي مودېللارنى تاڭىدىغان كۈچى ئەمدى قالمىدى. شۇڭلاشقا ترامپنىڭ قەدەملىرى تەتۈر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
جان ئاجۇن: سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىپلوماتىيە تەتقىقاتچىسى