غەربىي تراكيا تۈركلىرىنىڭ ئۇنتۇلماس رەھبىرى دوختۇر سادىق ئەھمەت
نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، غەربىي تراكيا تۈركلىرىنىڭ ئۇنتۇلماس رەھبىرى دوختۇر سادىق ئەھمەت ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!
غەربىي تراكيا تۈركلىرىنىڭ ئۇنتۇلماس رەھبىرى دوختۇر سادىق ئەھمەت
ئۇ «مەن تۈرك!» دېگەن سادانى ياڭراتقانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان، ھەم كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى ھەم سىياسەتچى سۈپىتىدە ئەسلىمىلىرىمىزدىن ئورۇن ئالغان، غەربىي تراكيا تۈرك ئازسانلىقىنىڭ ئاۋازى بولغان بىر قەھرىمان ئىدى. ئۇ خەلقىنى قىيىن شارائىتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشقان بىر يېتەكچى ئىدى. تارىخقا قارىغىنىمىزدا، 1923-يىلى 24-ئىيۇلدا ئىمزالانغان «لوزان تىنچلىق كېلىشىمى» بىلەن غەربىي تراكيا گىرېتسىيەگە قالدۇرۇلدى. لوزان كېلىشىمىگە ئاساسەن، غەربىي تراكيا تۈركلىرى ئېتنىك ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق دەپ ئاتالدى. ئەپسۇسكى، ئۇ يەردە ئازسانلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى قوغدالمايتتى، زېمىنلىرى دۆلەت تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھالدا 1955-1998 يىللىرى ئارىسىدا گىرېتسىيە گىراژدانلىق قانۇنىنىڭ 19-ماددىسىگە ئاساسەن 46,638 غەربىي تراكيالىق ۋە ئون ئىككى ئاراللىق تۈركنىڭ گىراژدانلىقى بىكار قىلىندى. يەنە، لوزان كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا غەربىي تراكيا تۈرك ئازسانلىقىنىڭ مائارىپ ئورگىنى قۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش، دىنىي يېتەكچىلىرىنى تاللاش ھوقۇقىنىڭ تارتىۋېلىنىشى قاتارلىقلار باشقا مۇھىم مەسىلىلەر ئارىسىدا ئىدى. سادىق ئەخمەت مانا مۇشۇنداق بىر جەمئىيەتتە دۇنياغا كەلدى.
سادىق ئەخمەت 1947-يىلى 7-يانۋار گىرېتسىيەنىڭ گۇمۇلجىنە شەھىرىدە دۇنياغا كەلدى. باشلانغۇچنى ئۆز يېزىسىدا، ئوتتۇرا مەكتەپنى ۋىلايەت مەركىزىدىكى جەلال بايار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇدى. تولۇق ئوتتۇرا يىللىرىدا غەربىي تراكيا تۈركلىرىنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى تېما قىلغان «خۇراپىي ئېتىقادلار»، «مۇسۇلمانلىق ۋە تۈركلۈك»، «كۈتۈلگەن قۇياش»، «مەدەنىيەت مەركىزى» قاتارلىق ماقالىلىرىنى «ئېقىن» گېزىتىدە ئېلان قىلدۇردى. 1966-يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي پەنلەر فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى. بىراق، بىر يىلدىن كېيىن سالونىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي پەنلەر فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ، 1974-يىلى دوختۇر بولۇپ پۈتتۈردى. ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت دەۋرى گىرېتسىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتى بېسىم ئىشلەتكۈچى، قاتتىق قول «گېنېراللار ھۆكۈمىتى» دەپ ئاتالغان قاراڭغۇ دەۋرگە توغرا كەلدى. ئۇ مەزگىلدە غەربىي تراكيا تۈركلىرىگە قىلىنغان بېسىملار ئېغىرلاشتى. تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن غەربىي تراكيا تۈرك ئازسانلىقىنىڭ بۇ خىل مەسىلىلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەم ئىجتىمائىي ھەم سىياسىي جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. دوختۇر سادىق ئەخمەت 1974-يىلى گىرېتسىيە ئارمىيەسىگە قاتناشتى. ھەربىي خىزمەتنى تۈگەتكەندىن كېيىن مەجبۇرىي دوختۇرلۇق خىزمىتىنى تاماملاپ، 1978-يىلى تۇغۇلغان يۇرتى گۇمۇلجىنەگە كېلىپ دۆلەت دوختۇرخانىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى. 1984-يىلى «ئوپېراتسىيە دوختۇرى» ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. كەسپىنىڭ سىرتىدا خەلقى ئۈچۈن نۇرغۇن پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنى باشلىدى. «غەربىي تراكيا ئازسانلىقى ئالىي مائارىپ جەمئىيىتى»نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان دوختۇر سادىق ئەخمەت، بىر مەزگىل جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىدى. 1982-يىلى قۇرۇلغان بۇ جەمئىيەت، غەربىي تراكيا تۈرك ئازسانلىقىنىڭ مەدەنىيەت، ئاقارتىش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش، خەلقلەر ئارىسىدىكى، بولۇپمۇ تۈرك ۋە گىرېك خەلقلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇق، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئىدېئاللىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە قوغداش مەقسىتىدە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. دوختۇر سادىق ئەخمەت جەمئىيەتنىڭ كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە غەربىي تراكيا تۈركلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاۋۋال گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىغا، نەتىجە ئالالمىغان ئەھۋالدا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا يەتكۈزۈپ، ھەل قىلىش ئۈچۈن ياردەم سوراش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىشى پىلانلانغان ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىدە ئالدىنقى سەپتە تۇردى.
دوختۇر سادىق ئەخمەت 1989-يىلى گىرېتسىيە پارلامېنتىغا سايلانغان تۇنجى غەربىي تراكيا تۈرك پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى. لېكىن پارلامېنت ئەزالىقى مەزگىلىدە، كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن تۈرلۈك بېسىملار ۋە سىياسىي توسالغۇلارغا دۇچ كەلدى. بولۇپمۇ گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان كەسكىن سۈركىلىش ۋە سىياسىي بېسىملارغا قارىماي، خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى.
1991-يىلى قۇرۇلغان «دوستلۇق، باراۋەرلىك ۋە تىنچلىق پارتىيەسى» دوختۇر سادىق ئەخمەتنىڭ غەربىي تراكيا تۈركلىرىگە قالدۇرغان ئامانىتىدۇر. دوختۇر سادىق ئەخمەت «دوستلۇق، باراۋەرلىك ۋە تىنچلىق پارتىيەسى»نىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىنى قىسقىچە قىلىپ: «ئازسانلىقنى بىر مەركەز ئەتراپىغا توپلاش، بىر يۆنىلىشتە توغرا يوسۇندا ئاڭ-سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، كەلگۈسى يىللاردا جەمئىيىتىمىزنى باشقۇرىدىغان كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش» دەپ چۈشەندۈرگەنىدى. 1992-يىلى 11-ئاپرېلدىكى تۇنجى قۇرۇلتايدا دوختۇر سادىق ئەخمەت «دوستلۇق، باراۋەرلىك ۋە تىنچلىق پارتىيەسى»نىڭ تۇنجى رەئىسى بولۇپ سايلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ، غەربىي تراكيا تۈرك جامائەتچىلىكىنى ئاقارتىش ئۈچۈن «بالقان» ناملىق گېزىتنى نەشر قىلدى.
1995-يىلى 24-ئىيۇلدا سادىق ئەخمەت گىرېتسىيەنىڭ رودوپ رايونىدا گۇمانلىق بىر قاتناش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى. 24-ئىيۇل، لوزان تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالانغان كۈنىدۇر. بۇ ۋەقە پەقەت غەربىي تراكيادىلا ئەمەس، تۈركىيەدە ۋە دۇنيادىمۇ كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. بەزى دائىرىلەر سادىقنىڭ ئۆلۈمىنىڭ بىر ۋەقە ئەمەس، سۇيىقەست ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشلار بۈگۈنگىچە داۋاملاشماقتا.
سادىق ئەخمەتنىڭ: «مەن بىر تۈرك بولغانلىقىم ئۈچۈن تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتىمەن. ئەگەر تۈرك بولۇش بىر جىنايەت بولسا، بۇ يەردە يەنە تەكرارلايمەن: مەن بىر تۈركمەن ۋە شۇنداق قالىمەن. بۇ خىتابىم بىلەن غەربىي تراكيا ئازسانلىقىغا مۇراجىئەت قىلىمەن ۋە ئۇلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئېيتىمەن. ھوقۇقلىرىمىزنى بىر كۈنى چوقۇم قولغا كەلتۈرىمىز!» دېگەن سۆزلىرى خۇددى بىر سىمۋول ھالىغا كەلدى. بۈگۈن غەربىي تراكيادىكى تۈرك ئازسانلىقى ئۇنىڭ كۈرىشىنى ۋە قالدۇرغان مىراسىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇنىڭ كۈرىشى، غەربىي تاراكيا تۈركلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدىكى بىر سىمۋولغا ئايلىنىپ قالدى.
* * * * *
مەنبە:
1. BOZDAĞLIOĞLU, Yücel. “Türk-Yunan Nüfus Mübadelesi ve Sonuçları”. Türkiye
Sosyal Araştırmalar Dergisi. Y. 18, Özel Sayı 3 (Ocak 2014). ss. 9-32.
2. Alper OUZOUNGIOL. (2021). Batı Trakya Türk AzınlığınınMücadelesi: Dr. Sadık Ahmet’in Liderliği (Yayınlanmamış YL Tezi). İstanbul.
3. https://ytb.gov.tr/haberler/bati-trakya-turklerinin-unutulmaz-lideri-dr-sadik-ahmet-kimdir (01.10.2024)