29-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى

ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، 29-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2213431
29-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى

29-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى

ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 29-نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى، كىلىمات كىرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قەدەملىرىنى مالىيە مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش يىغىنى دەپ قارالماقتا. يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپى، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىگە مالىيە مەنبەسى تېپىش مەسىلىسى ئىدى.

بۇ يىغىندا يېشىل ئېنېرگىيەنى كېڭەيتىشتىن تارتىپ، «پەۋقۇلئاددە ھۈجەيرە» دەپ ئاتىلىدىغان ئېغىر ھاۋارايى ھادىسىلىرىگە تاقابىل تۇرالايدىغان ئاساسىي قۇرۇلمىلارنى قۇرۇش، بالدۇر ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىلىرى ۋە شىددەتلىك ئىسسىق ھەم يامغۇرغا چىداملىق يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈشكىچە بولغان نۇرغۇن تەرەپلەرگە مالىيە ياردىمى بېرىش پىلانلانماقتا. يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە مالىيە ياردىمى قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر.

باكۇدىكى يىغىنغا كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان 45 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى، خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە تەشكىلاتلار قاتنىشىپ، نۇقتىلىق ھالدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۇ دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن 2030-يىلىغىچە 1 تىرىليون 200 مىليون دوللار مەبلەغگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر ۋە كىچىك ئارال دۆلەتلىرى، كىلىمات ئۆزگىرىشى پەيدا قىلغان زىيان-زەخمەتلەرنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر فوند قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ فوند ئارقىلىق سۇ ئاستىدا قېلىش خەۋپى بار ئولتۇراق رايونلىرى ۋە قۇرۇلۇشلارنى يۆتكەش، شۇنداقلا يوقىلىش گىردابىغا كىرىپ قالغان دېھقانچىلىق يەرلىرىگە تۆلەم بېرىش پىلانلانماقتا.

دۇنيا مىقياسىدا كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن 2 تىرىليون 400 مىليارد دوللار مەبلەغ كېرەك بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇ مەبلەغ تەبىئەتنى قوغداش، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەگە ئۆتۈش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرلىرىگە ماسلىشىشنى مالىيەلەشتۈرۈش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭغا كېتىدىغان مەبلەغ ھازىر مەۋجۇت بولغان فوندنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

خۇسۇسىي ساھەلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشى ئۈچۈن 250 تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ كېرەك بولىدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە. بۇ ئىلگىرىكى مۆلچەرلەردىن ئون ھەسسىدىن كۆپرەك ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى بۇ رەقەم 30 تىرىليون دوللار ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلەنگەنىدى.

2009-يىلى دانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كىلىمات يىغىنىدا، قاتناشقۇچى دۆلەتلەر 2020-يىلىدىن باشلاپ كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە دۇنيانىڭ ئىسسىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، باي دۆلەتلەرنىڭ 100 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانىدى. ئەمما بۇ ۋەدىلەرنىڭ ئورۇنلانماسلىقى كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېغىر ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلماقتا.

پارىژ كىلىمات كېلىشىمى بۇ جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ كېلىشىم بىلەن كاربون چىقىرىشنى ئازايتىش ۋەدىسى بېرىلىش بىلەن بىرگە، ئەڭ كۆپ پارنىك گازى چىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات مالىيەسىگە تۆھپە قوشۇشى كۆزدە تۇتۇلماقتا. بىراق، خىتاي، ھىندىستان قاتارلىق چوڭ سانائەت دۆلەتلىرىنىڭ بۇ جەريانلارغا تۆھپە قوشماسلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنى بۆلگۈنچىلىككە ئېلىپ بارماقتا. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئامېرىكاغا ئوخشاشلا ھىندىستان، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ ئالغۇچى ئەمەس، ئەكسىچە مەبلەغ بەرگۈچى تەرەپتە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ئەمما خىتايمۇ ئەزاسى بولغان G77 گۇرۇھىغا ئەزا 77 دۆلەت بۇ قاراشقا قارشى چىقماقتا. بۇ گۇرۇپپا پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ چىقىمنى ئۈستىگە ئېلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، سۆھبەتلەرنىڭ شۇ ئاساستا داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە. G77 گۇرۇھى يەنە، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر تەمىنلەيدىغان مالىيەنىڭ قەرز ئەمەس، ئىئانە شەكلىدە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئەكس ئەھۋالدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قوشۇمچە مالىيە يۈكىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

دۇنيا چىقىمنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان مەزگىلدە، يەر شارىنىڭ ئىسسىشى توختىماي داۋاملاشماقتا. تېمپېراتۇرا مۆلچەرلىنىۋاتقىنىدىن خېلى بۇرۇنلا خەتەرلىك سەۋىيەگە يەتتى - سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇنقى مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا 1.2 گرادۇس ئۆستى. دۇنيانى تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئېھتىماللىقى بولغان 1.5 گرادۇسلۇق ئۆرلەش ئەمدى ساقلىنىش مۇمكىن بولمايدىغان ھالەتكە كەلدى. شۇڭا كاربون چىقىرىشنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە كەم دېگەندە 43 پىرسەنت تۆۋەنلىتىش زۆرۈر بولماقتا.

29-نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى دائىرىسىدە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مالىيە ياردىمى قىلىش مەقسىتىدە، ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون دوللار بولغان 14 خىل فوند قۇرۇلدى. بۇ فوندلارغا فوسسىل يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت ۋە شىركەتلەردىن يىللىق تۆلەم ئېلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق دۆلەت ۋە خۇسۇسىي ساھەلەرنىڭ يېشىل ئېنېرگىيەگە ئۆتۈشى تېزلىتىلىپ، دۇنيانىڭ ئىسسىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان تەبىئىي ئاپەتلەر بىلەن كۈرەش قىلىش قەدەملىرى ئېلىنىدۇ ھەمدە دېھقانچىلىق يەرلىرىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ مەبلەغ ئاجرىتىلىدۇ.

تۈركىيە 2053-يىلىغىچە «نۆل قويۇپ بېرىش» نىشانىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈرلۈك لايىھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن يېشىل ئېنېرگىيە مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئالاھىدە مۇھىم. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يىغىندا تۈركىيەنىڭ بۇ ساھەدە تاشلىغان قەدەملىرى ۋە كەلگۈسى نىشانلىرىنى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويدى:

- تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىچىدە يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ نىسبىتى 59 پىرسەنتكە يەتتى

- تۈركىيە يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە نىسبىتى جەھەتتە ياۋروپادا بەشىنچى، دۇنيادا 11-ئورۇندا تۇرىدۇ

- 2053-يىلىدىكى نۆل چىقىرىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە، ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ۋە يادرو ئېنېرگىيەسى تۈپ شەرت

- ھازىر 31 مىڭ مېگاۋات بولغان شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى قۇرۇلما كۈچى 2035-يىلى 120 مىڭ مېگاۋاتقا يەتكۈزۈلىدۇ

- 2050-يىلىغىچە 20 مىڭ مېگاۋاتلىق يادرو ئېنېرگىيەسى كۈچىگە يېتىش نىشانلانماقتا

- 2030-2024- يىللىق دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمى پىلانى بويىچە 100 مىليون توننا كاربون ئىككى ئوكسىد چىقىرىشى تۆۋەنلىتىلىدۇ

- توك ماشىنىلىرىنىڭ سانى كۆپەيتىلىدۇ

- «نۆل تاشلاندۇق» تۈرى ئارقىلىق 5.9 مىليون توننا پارنىك گازى چىقىرىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى

- سۇ بايلىقلىرىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ئۈچۈن سۇ ئۈنۈمى سەپەرۋەرلىكى باشلاندى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە تۈركىيەنىڭ 2026-يىلى ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى 31-قېتىملىق تەرەپلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش ئۈچۈن نامزات بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر