قەيسەرى قوغۇشۇن ئېشى شورپىسى
تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى -40
قەيسەرى قوغۇشۇن ئېشى شورپىسى
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، « قەيسەرى قوغۇشۇن ئېشى شورپىسى» نى تونۇشتۇرىمىز.
قەيسەرى قوغۇشۇن ئېشى شورپىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 12.11.2021
****** ********* ******
تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئانادولۇ رايونىدىكى تارىخى شەھەرلىرىدىن بىرسى بولغان قەيسەرى شەھىرى ئۇزۇن ۋە سوغۇق ئۆتىدىغان قىش پەسلى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئوخشىمىغان مەھسۇلاتلاردىن تەركىب تاپقان يېمەكلىك مەدەنىيىتى بىلەن داڭلىق. 2021-يىلى قەيسەرى سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن «قەيسەرى قوغۇشۇن ئېشى شورپىسى» بۇ يېمەكلىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ئۇل تاشلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
قەيسەرى قوغۇشۇن ئېشى شورپىسى بۇلغۇرلۇق قىيما كۆفتىسى، سەمرىنا، قوي گۆشى، قۇرۇتۇلغان نوقۇت، يېشىل چىلان، پىياز، پەمىدۇر قىيامى، مۇچ قىيامى ۋە ھەر خىل دورا - دەرمەكلەر بىلەن ياسىلىدىغان قويۇق شورپا تۈرى بولۇپ، گەرچە ئۇ بارلىق پەسىللەردە ئىستېمال قىلىنىدىغان بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدىكى ماتېرىياللارنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن ئاساسلىقى قىش ئايلىرىدا بەكرەك ياخشى كۆرۈلىدۇ. بۇ شورپا قاچىسىنىڭ قوغۇشۇنغا ئوخشاش ئېغىر بولغانلىقى يۈزىسىدىن نامىمۇ «قەيسەرى قوغۇشۇن ئېشى شورپىسى» دەپ ئاتالغان. ئادەتتە 6 ياكى 8 كىشىلىك ئېتىلىدىغان بۇ شورپا بىرىنچىدىن، ئىككى ئىستاكان بۇلغۇرغا بۇغداي ئۇنى، سەمرىنا، تۇخۇم، مۇچ قىيامى ۋە تۇز سېلىپ كىچىك دانچە بۇلگۇرلۇق قىيما كۆفتىسى تەييارلىنىدۇ. بۇلگۇرلۇق قىيما كۆفتىسى بىر- بىرىگە چاپلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دەسلەپتە ئۇن يېيىلغان تەلەڭگىگە تىزىلىدۇ، ئاندىن شورپا سۈيىگە بىر- بىرلەپ قوشۇلىدۇ. شورپا سۈيى قوي گۆشى، پىياز، ماي، پەمىدۇر، مۇچ قىيامى، قىزىلمۇچ ۋە زىرە بىلەن تەييارلىنىدۇ. 15 مىنۇت قاينىتىلغان شورپا سۈيىگە بۇلگۇرلۇق قىيما كۆفتىسى، قاينىتىلغان نوقۇت ۋە يېشىل چىلان قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. تۆۋەن ئوتتا يەنە 20 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. پىشۇرۇش جەريانى تاماملانغاندىن كېيىن، قەيسەرى قوغۇشۇن ئېشى شورپىسى 30 مىنۇت دەم ئالغۇزۇلغۇزىلىدۇ، ئاندىن ئۈستىگە قۇرۇق يالپۇز چېچىپ قىززىق ھالدا مىھمانغا سۇنىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ مېنى (توغرا يولغا) باشلايدۇ
قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە تەرجىمىسى - زۇخرۇف سۈرىسىنىڭ 24 دىن 35 كىچە بولغان ئايەتلىرى ۋە تەرجىمىسى