تۈركىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش يولىدا تاشلاشۋاتقان قەدەملىرى

ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈركىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش يولىدا تاشلاشۋاتقان مۇھىم قەدەملىرى ئۈستىدە ئۆتىمىز.

2187670
تۈركىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش يولىدا تاشلاشۋاتقان قەدەملىرى

تۈركىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش يولىدا تاشلاشۋاتقان قەدەملىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم قارالمىلىرىنىڭ بىرى. نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ يۆنىلىشتە مىللىي نىشانلارنى بەلگىلەش بىلەن بىرگە، دۇنياۋى قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلماقتا، كېلىشىملەر ئىمزالانماقتا. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب، شۈبھىسىزكى، يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى... دۆلەتلەر ئىقتىسادىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سانائەت مەبلىغىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجمۇ كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە. ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ نېفىتنى ئاساس قىلغان ئىشلەپچىقىرىش پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا.

دەل بۇ چىقماس كوچىغا كىرىپ قالغان خەلقئارا جەمئىيەت بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇھىم قەدەم تاشلىدى. كىلىمات ئۆزگىرىشى تۈزۈمىنى بېكىتىش مەقسىتىدە پارىژ كىلىمات كېلىشىمى ئىمزالاندى. تۈركىيەمۇ كېلىشىمگە قول قويدى.

سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2022-يىلى كاربون گازى قويۇپ بېرىش مىقدارى 36 مىليارد 800 مىليون توننىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.

پارىز كىلىمات كېلىشىمىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىرى بۇ يىل كۆرۈلۈشكە باشلىدى؛ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مىقدارى بۇ يىلنىڭ بىرىنچى چارىكىدە بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %4 تۆۋەنلىدى.

ياۋروپا ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇلتۇرنىڭ بىرىنچى چارىكىدە 931 مىليون توننا كاربونغا باراۋەر كېلىدىغان پارنىك گازى قويۇپ بەرگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى چارىكىدە 894 مىليون توننا پارنىك قويۇپ بەرگەن. نەتىجىدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ پارنىك گازى قويۇپ بېرىش نىسبىتى %4 تۆۋەنلىگەن. بۇ مەزگىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 20 دۆلەتتە پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مىقدارى ئازايغان. پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مىقدارى %15.2 بولغان بۇلغارىيە بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، %6.7 لىك مىقدار بىلەن گېرمانىيە ئىككىنچى، %6 لىك نىسبەت بىلەن بېلگىيە ئۈچىنچى بولغان. پارنىك گازى قويۇپ بېرىش توك ۋە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ساھەىسدە %12.6، ئائىلىلەردە %4.4 ئازايغان.

2023-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ كۆپ كاربون قويۇپ بەرگەن دۆلەت %30.7 لىك نىسبەت بىلەن خىتاي بولغان. ئامېرىكا %13.6 لىك نىسبەت بىلەن ئىككىىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالغان. ھىندىستان يەر شارىدىكى كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ %7.6 نى، ياۋروپا ئىتتىپاقى %7.4 نى، رۇسىيە %4.4 نى تەشكىل قىلغان.

ئەنقەرەنىڭ تۈركىيەنى باشقا دۆلەتلەردىن پەرقلەندۈرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم نىشانى بار؛ ئۇ بولسىمۇ، يېشىل تەرەققىيات ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىپ، 2053-يىلىغا بارغاندا، «نۆل بۇلغىما قويۇپ بېرىش» نىشانىغا يېتىش. تۈركىيە يېقىنقى 10 يىلدا دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %67، دۆلەت نوپۇسىنى %13 ئاشۇردى. ئىشلەپچىقىرىش ۋە گۈللىنىشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىمۇ ئاشتى.

تۈركىيە 2017-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان جەرياندا تۇنجى دۆلەت ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ جەرياندا جەمئىي 8 مىليارد 500 مىليون دوللار يېشىل ئېنېرگىيە مەبلىغى سېلىندى. بۇ ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن ئاخىرقى ئىستېمالغىچە بولغان ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا %14 لىك تېجەش قولغا كەلتۈرۈلدى. 70 مىليون توننا بۇلغىما ئازايتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى يېقىنقى ئايلاردا 2030-يىلىغىچە ئىجرا قىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يول خەرىتىسىنى ئېلان قىلدى؛ بۇ دائىرىدە، ئىدارە-ئورگانلاردىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %30 ئەتراپىدا تېجەپ قىلىش پىلانلانماقتا. 2030-يىلىغىچە ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %16 ئازايتىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى 100 مىليون توننا ئازايتىش كۆزلەنمەكتە.  بۇنىڭدىن باشقا، ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا 20 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش پىلانلانماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا، ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ساھەسىدە ئوخشىمىغان قەدەملەرنى بېسىشمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا، بۇ دائىرىدە بىرىنچى قەدەمدە 2030-يىلىغىچە ئاممىۋى بىنالاردا %30 ئېنېرگىيەنى تېجەش پىلانلاندى. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش سىستېمىسى ۋە تېخنىكىلىرى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش، سانائەتتىكى تاشلاندۇق ئىسسىقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرلىرىنىڭ سانىنى بىر ھەسسە كۆپەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ يۆنىلىشتە، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى يورۇتۇش ساھەلىرىگە 1 مىليون 200 مىڭ LED ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئېنېرگىيە زايە بولۇش ۋە قانۇنسىز ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېنېرگىيە سائەتلىرىنىڭ نىسبىتى %25 كە يەتكۈزۈلىدۇ.

تۈركىيەدە نۆۋەتتە 13 مىڭ 35 توك چىقىرىش زاۋۇتى بار بولۇپ، تەخمىنەن 110 مىڭ مېگاۋاتلىك توك سىغىمىغا ئىگە؛ تۈركىيەنىڭ 2024-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندىكى مۇقىم ئېلېكتىر سىغىمى 112999 مېگاۋات. بۇ ئېنېرگىيەنىڭ 28.5 پىرسەنتى سۇ ئېلېكتىرى، 21.9 پىرسەنت تەبىئىي گاز، 19.3 پىرسەنت كۆمۈر، %10.9 شامال، 15.6 پىرسەنت قۇياش ئېنېرگىيەسى، 1.5 پىرسەنت يەر ئىسسىقلىقى بايلىقىدىن ھاسىل قىلىنىدۇ.

2035-يىلغا بارغاندا، قۇياشتىن ھاسىل قىلىنىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ 53 مىڭ، شامالدىن ھاسىل قىلىنىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ 30 مىڭ، سۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ 35 مىڭ، يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسىنىڭ تەخمىنەن 5 مىڭ مېگاۋاتقا يەتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا.

ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش دائىرىسىدە قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى ۋە مەبلەغلەرنىڭ سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىش نىسبىتىنى %70 لىك ئۆتكەلدىن ئاشۇرۇۋېتىش نىشان قىلىنماقتا.

پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ئارقىلىق كاربون قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى %35 تۆۋەنلىتىش كۆزلەنمەكتە.

خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 2024-يىللىق دوكلاتىغا قارىغاندا، يېقىنقى 30 يىلدا دۇنيادا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە سىغىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان. ئۆتكەن يىلى دۇنيا مىقياسىدا 2022-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 510 گىگاۋات بىلەن %50 قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئېشىشنىڭ %75 ىنى قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىگىلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر