تۈركىيە – مىسىر مۇناسىۋەتلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (37)

2187016
تۈركىيە – مىسىر مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە – مىسىر مۇناسىۋەتلىرى

(پىروفېسسور دوكتور مۇرات يېشىلتاش)

 سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى

تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا 2024-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن  ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە كۆرۈنەرلىك ۋە قايتا شەكىللەندۈرۈش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يىغىندىن كېيىن 16 كېلىشىم ئىمزالاندى ۋە 36 ماددالىق بىرلەشمە باياننامە ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،  تەخمىنەن 10 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئىختىلاپ ۋە جىددىيچىلىكتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى قايتىدىن نورماللىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بولۇپمۇ 2013-يىلى مىسىر پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مورسى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان جىددىيچىلىكنىڭ ئاخىرلىشىشى رايوننىڭ مۇقىملىقى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

جىددىيچىلىك باسقۇچى ئەنقەرە بىلەن قاھىرەنىڭ ھەر خىل خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئۆزئارا رىقابەتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. لىۋىيە بۇ رىقابەتنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. قاھىرە لىۋىيەنىڭ ۋەزىيىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا تۈركىيەنىڭ بۇ دۆلەتتىكى تەسىرىنى چەكلەش ئىستراتېگىيەسىنى قوللاندى. يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئېنېرگىيە بايلىقى رىقابىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ مەزگىلدە، تۈركىيە لىۋىيە ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئەمەلىيەتنى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق مىسىرنىڭ قارشى پوزىتسىيەسىگە جاۋاب قايتۇردى. ھەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان دىنامىكىلىرىدا ئىدىئولوگىيەلىك ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي كۈرەش يولىنى تاللىدى.

بۇ باسقۇچتا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار،  دىپلوماتىك ۋە ئاخبارات  ساھەسىسىدىكى دىيالوگلار مۇناسىۋەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. 2022-يىلى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ ئۇچرىشىشى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پىسخىكا بوسۇغىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. بۇ ئۇچرىشىش ئىككى دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرىنى قايتا تەيىنلەش ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش توغرۇلۇق قارار چىقىرىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بەردى. ئەردوغاننىڭ 2024-يىلى 2-ئايدا مىسىرنى زىيارەت قىلىشى بولسا تۈركىيە-مىسىر مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارالدى.

ئۆزگىرىشچان دىنامىكىلار

يېڭى دەۋردە تۈركىيە-مىسىر مۇناسىۋەتلىرى نۇرغۇن ئىستراتېگىيەلەر جەھەتتىن قايتىدىن شەكىللەندى. 2013-يىلغا سېلىشتۇرغاندا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بولدى. گەرچە ئەرەب باھارىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان توقۇنۇش مۇھىتى زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەتنىڭ رايونلۇق جايلىشىش ئورنى جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك پەرق بار. مەسىلەن، لىۋىيەنىڭ ۋەزىيىتى تۈركىيە بىلەن مىسىر مۇناسىۋەتلىرىدە ھالقىلىق مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. مىسىر لىۋىيەنىڭ شەرقىدە كۈچلۈك ھەربىي ۋە دىپلوماتىك نوپۇزغا ئىگە كۈچ، تۈركىيە بولسا لىۋىيەنىڭ غەربىدە مۇھىم ھەربىي ۋە سىياسىي ئاكتىيور ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ۋە سىياسىي رىقابەتنىڭ لىۋىيەدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، ئەنقەرەنىڭمۇ، قاھىرەنىڭمۇ لىۋىيەنىڭ مۇقىملىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى رايون خاراكتېرلىك مۇھىتمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگەردى. تۈركىيە ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچ جەھەتتە تېخىمۇ مۇھىم ئاكتىيور سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. مىسىر بولسا  جۇغراپىيەلىك ئېنېرگىيە سىياسىتىدە ھالقىلىق رول ئوينىماقتا. ھەر ئىككى دۆلەت ئاقدېڭىزدىكى دېڭىز تەۋەلىكى جەھەتتە مۇھىم ئاكتىيور ھېسابلىنىدۇ. ئىسرائىلىيەنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۈركىيە-مىسىر مۇناسىۋەتلىرىنى 2020-يىللاردا باشلانغان رايوننىڭ نورماللىشىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن يېڭى رامكا ئىچىدە قايتا تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى، ئەنقەرە-قاھىرە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قاتارنىڭ پارىس قولتۇقى ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش باسقۇچى ۋە توقۇنۇش دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قايتا شەكىللىنىشىگە تۆھپە قوشتى.

2023-يىلى 7-ئۆكتەبىر كۈنى، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ رايوندىكى مۇقىمسىزلىق رولى تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ ئەرەب جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئويمانلىقىدىكى ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى. غەززەدىكى توقۇنۇش ھەر ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىدىنمۇ بەكرەك دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە ئايلاندى. تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ ئىسرائىلىيەنى ئۇرۇش توختىتىشقا مەجبۇرلاشتىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى، ھەر ئىككى دۆلەتنى ئورتاق نىشانغا قاراپ ھەرىكەت قىلىشىتا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن. غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىلىشى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ رايونغا يەتكۈزۈلۈشى، رايوننىڭ قايتا قۇرۇلۇشى، 1967-يىلدىكى چېگرا ئاساس قىلىنغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قارىشى، ھەر ئىككى دۆلەتنى ئورتاق نۇقتىدا ئۇچراشتۇرماقتا.

ئىستراتېگىيەلىك رامكا

تۈركىيە-مىسىر مۇناسىۋەتلىرى يېڭى رايونلۇق دىنامىكىلارغا ئاساسەن ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرگە ئايلاندى. ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ئىقتىساد، سودا، بىخەتەرلىك، مۇداپىئە، مۇھىت ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش تەشەببۇسلىرى قاتارلىق ناھايىتى كەڭ ساھەلەردە تەرەققىي قىلماقتا. ئىقتىسادىي نىشانلاردىن بىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى  15 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش بولۇپ، بۇمۇ ھەر ئىككى دۆلەتكە ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرمەكتە.

ھەمكارلىقنىڭ زۆرۈرلۈكى

تۈركىيەنىڭ ئافرىقا تۇمشۇقىدىكى رولىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر جەھەتتىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە شىمالىي ئافرىقا، شەرقىي ئافرىقا ۋە ساھېل رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. مىسىر بولۇپمۇ شىمالىي ئافرىقا ۋە ئافرىقا تۇمشۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىلىرىنى قايتىدىن بەلگىلەشكە مەجبۇر. سۇدان ئىچكى ئۇرۇشى، مىسىر بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار، سومالى بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ۋە سىياسىي توقۇنۇشنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى، تۈركىيە-مىسىر مۇناسىۋەتلىرىگە ئىستراتېگىيەلىك تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇ ۋەجىدىن، ئەنقەرە بىلەن قاھىرەنىڭ ئافرىقا تۇمشۇقىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە-مىسىر مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك رامكىسى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشىنى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى رايون كرىزىسىدىن قوغداش مىخانىزمى ئورنىتىشىنى، يېڭىچە تاشقى سىياسەتنى يولغا قويۇشىنى، يېڭىچە بىخەتەرلىك، مۇداپىئە ۋە ئاخبارات قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىشىنى، شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا تۈزۈملەشتۈرۈشىنى تەقەززا قىلماقتا. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ يېڭى دەۋر رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ ھەمكارلىقى پەقەت ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت بولۇپلا قالماي، رايون ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىمۇ داۋاملىق ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر