ئانتاليا مۇزېيلىرى 1 مىليونغا يېقىن زىيارەتچىنى كۈتۈۋالدى

ھەر يىلى مىليونلىغان ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدىغان تۈركىيەنىڭ ئانتاليا شەھىرى مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەنمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

2231918
ئانتاليا مۇزېيلىرى 1 مىليونغا يېقىن زىيارەتچىنى كۈتۈۋالدى
antalya muze.jpg
antalya muze.jpg
antalya muze.jpg

تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ كۈلتۈر مىراسلىرىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ئانتالياغا 2024-يىلى 1 مىليونغا يېقىن يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچى كېلىپ، مۇزېيلار ۋە قەدىمكى شەھەر خارابىلىرىنى زىيارەت قىلدى.

50 مىڭدىن ئارتۇق تارىخىي يادىكارلىق قويۇلغان ئانتاليا ئارخېئولوگىيە مۇزېيى 180 مىڭدىن ئارتۇق زىيارەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 2024-يىلى شەھەردىكى ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنغان مۇزېي بولدى. مەۋلەۋىخانە مۇزېيى، ئاتاتۈرك ئۆيى مۇزېيى ۋە مۇقەددەس نىكولاس خاتىرە مۇزېيىمۇ كۆپ زىيارەت قىلىنغان مۇزېيلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

مۇزېيلارغا كەلگۈچىلەر سانىنىڭ كۆپىيىشىدە، ئۆتكەن يىلى يولغا قويۇلغان كېچىلىك مۇزېي پائالىيىتى مۇھىم رول ئوينىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى يەنە كەمەر ناھىيەسىگە ئاقدېڭىز سۇ ئاستى ئارخېئولوگىيە مۇزېيىنى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، مۇزېينىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتى بۇ يىل ئىچىدە باشلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر