ت ر ت دۇنيا پۇقراسى مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى — ت ر ت نىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ساھەسىدىكى مۇھىم پائالىيىتى بولغان «ت ر ت  دۇنيا پۇقراسى مۇكاپاتى» نىڭ ئالتىنچى نۆۋەتلىكى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

2231932
ت ر ت دۇنيا پۇقراسى مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى
aysenur ezgi eygi trt world citizen odul.jpg
Steve Sosebee trt world citizen.jpg
trt world citizen odulleri.jpg

ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى رىياسەتچىلىك قىلغان مۇراسىمغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن فەخرىددىن ئالتۇن قاتناشتى.

ئۆزگىچىلىككە ئىگە ھېكايىلەرنى ياراتقان كىشىلەر ئالتە كاتېگورىيە بويىچە مۇكاپاتلانغان مۇراسىمدا، پەلەستىنلىك ناخشىچى لىنۇر پەلەستىنگە بېغىشلاپ يازغان «Wake Up» ۋە «Keep Your Key» ناملىق ناخشىلىرىنى ئېيتتى.

«يىلنىڭ دۇنيا پۇقراسى مۇكاپاتى» ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىگە بېرىلدى. مۇكاپاتنى ئايشەنۇرنىڭ دادىسى مەھمەت سۇئات ئەيگى تاپشۇرۇۋالدى. ستىۋ سوسىبى كىشىلىك ھوقۇق، ئىنسانىي ياردەم ۋە تېببىي ياردەم ساھەلىرىدىكى تۆھپىلىرى ئۈچۈن «ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

ت ر ت ئالاھىدە مۇكاپاتى سۈرىيەدىكى ئۇرۇش مەزگىلىدە دوختۇرخانىنى باشقۇرۇپ، يارىدارلارنى داۋالاش ۋە پۇقرالارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن غەيرەت كۆرسەتكەن دوختۇر ئامانى باللورغا بېرىلدى. «We Love Reading» سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى رانا داجانى «تەربىيەچى مۇكاپاتى»غا، فىرانسىيەدە روماللىق ئايال تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كەمسىتىلىشىگە قارشى كۈرەش قىلغان ھېلېن با «ياشلار مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

ئاڭلاش ئېڭى ئاجىز كىشىلەرنىڭ مۇستەقىل ئالاقە قىلالىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئازىما دانجې ۋە ئارخۇم ئىستىياققا «ئالاقىچى مۇكاپاتى» تەقدىم قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر