موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتى ئىستانبۇلدىكى تارىخىي جايلارنى زىيارەت قىلدى

موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتى ئۇخنائا خۇرېلسۇخ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا ئىستانبۇلدىكى توپقاپى سارىيى ۋە ئاياسوفيا چوڭ جامەسىنى زىيارەت قىلدى.

2231917
موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتى ئىستانبۇلدىكى تارىخىي جايلارنى زىيارەت قىلدى
mogolistan cumhurbaskani ayasofya.jpg
mogolistan cumhurbaskani topkapi sarayi.jpg
mogolistan cumhurbaskani topkapi sarayi'nda hz.yahya'nin kolu.jpg
mogolistan cumhurbaskani topkapi sarayi.jpg

ئارىدىن 21 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم پىرېزىدېنت سەۋىيەسىدە تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلگەن ئۇخنائا خۇرېلسۇخقا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي ھەمراھ بولدى.

توپقاپى سارىيى ئىدارىسى باشلىقى ئىلھان كوجامان زىيارەت جەريانىدا، موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتىغا كۆرگەزمىگە قويۇلغان تارىخىي يادىكارلىقلار ۋە مۇقەددەس ئامانەتلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

پىرېزىدېنت خۇرېلسۇخ ئاياسوفيا چوڭ جامەسىنىڭ تارىخى ھەققىدە مەلۇمات ئالغاندىن كېيىن، مۇزېي قەۋىتىنى زىيارەت قىلىپ، مىنىستىر ئەرسوي بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر