ئاتاتۈرك تەتقىقات مەركىزى «تۈرك دۇنياسى ئېنسىكلوپېدىيەسى»نى نەشر قىلدى

مەدەنىيەت، تارىخ ۋە تىل ساھەلىرىدە تاشلانغان يېڭى قەدەملەر نەتىجىسىدە تۈركىي جەمئىيەتلەر بىر-بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشماقتا.

2230896
ئاتاتۈرك تەتقىقات مەركىزى «تۈرك دۇنياسى ئېنسىكلوپېدىيەسى»نى نەشر قىلدى

تۈرك دۇنياسىنى كۈچلەندۈرىدىغان يەنە بىر قەدەم تاشلاندى؛ ئاتاتۈرك تەتقىقات مەركىزى «تۈرك دۇنياسى ئېنسىكلوپېدىيەسى»نى تەييارلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئېنسىكلوپېدىيەدىكى 143 ماقالىنىڭ 21ى ئەزەربەيجان تۈركچىسىدە يېزىلغان بولۇپ، قىرغىزچە، قازاقچە ۋە ئۆزبېكچە ماقالىلەرنىڭمۇ يېزىلىشى پىلانلىنىۋاتقان بۇ ئېنسىكلوپېدىيە غەرب تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىدىكەن.

تارىختىن ئەدەبىياتقىچە، بايراقدار تۈرك ئاياللىرىدىن مەدەنىي قىممەتلەرگىچە بولغان كەڭ ساھە بىلىم خەزىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئېنسىكلوپېدىيە، ئورتاق مىراس ۋە مەدەنىي قىممەتلەرنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم خاتىرە بولۇپ قالىدىكەن.

تۈرك تارىخى، مەدەنىي قىممەتلىرى ۋە مۇھىم شەخسلىرى توققۇز كاتېگورىيەگە ئايرىپ يېزىلغان بۇ ئەسەرگە 99 يازغۇچىنىڭ ئەجرى سىڭگەن.

رەقەملىك مۇھىتتا زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن بۇ ئەسەر 10 كۈندە 6 مىڭ 280 كىشى قىزىقىشىنى قوزغىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر