ئانتاليا 2025-يىللىق د-8 ساياھەت شەھىرى مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئانتاليانىڭ يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

2217398
ئانتاليا 2025-يىللىق د-8 ساياھەت شەھىرى مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈردى

دۇنيانىڭ داڭلىق ساياھەت مەركەزلىرىدىن بولغان ئانتاليانىڭ، تەرەققىي قىلىۋاتقان سەككىز دۆلەت تەشكىلاتى (د-8) نىڭ «2025-يىللىق د-8 ساياھەت شەھىرى مۇكاپاتى»نى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ ئۇنۋانغا ئېرىشكەن تۇنجى شەھەر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەرسوي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «قەدىمكى دەۋرلەردىن ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەتلەرگە ماكان بولغان، مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ، زىيارەتچىلىرىدە ئۇنتۇلماس تەسىراتلارنى قالدۇرغان بۇ تەڭداشسىز شەھىرىمىز تۈركىيەنىڭلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ئەڭ تاللانغان ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر