ئەردوغان تۈرك دۇنياسى رەھبەرلىرىگە «غاسپىرالى خاتىرە پۇلى» ھەدىيە قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىرغىزىستان چاقىرىلغان 11-نۆۋەتلىك تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرى ئىسمائىل غاسپىرالىغا ئاتاپ بېسىلغان خاتىرە پۇلنى ئىشتىراكچى رەھبەرلەرگە ھەدىيە قىلدى.

2207361
ئەردوغان تۈرك دۇنياسى رەھبەرلىرىگە «غاسپىرالى خاتىرە پۇلى» ھەدىيە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت بىشكەكتىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە ئېچىلغان باشلىقلار يىغىنىدىكى سۆزىدە، ئەزا دۆلەتلەر ئارا كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئورتاق كەلگۈسى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15-خاتىرە يىلىنىڭ ئۆتكەن ئاي تەبرىكلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈرك دۇنياسىنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرى ئىسمائىل گاسپىرالىنىڭ «تىلدا، پىكىردە، ئىشتا بىرلىك» شوئارى كىرگۈزۈلگەن خاتىرە پۇلنى تەقدىم قىلىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەدە تەييارلانغان خاتىرە پۇللارنى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى قۇبانىچبېك ئۆمۈرئالىيېۋ ۋە ئاقساقاللار كېڭىشى باشلىقى بىنالى يىلدىرىم قاتارلىقلارغا تەقدىم قىلدى.

پۇل ئىككى يېرىم تۈركىيە لىراسى قىممىتىدە بولۇپ، مىستىن ياسالدى. چەكلىك ساندىكى مەزكۇر پۇللارنى تەكىن گۈلباسار لايىھەلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر