ت ر ت نىڭ «مۇقەددەس ئىشغالىيەت» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى قاراتاغدا كۆرسىتىلدى

تۈركىيە رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى- ت ر ت (TRT) نىڭ «مۇقەددەس ئىشغالىيەت» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى قاراتاغدا كۆرسىتىلدى.

2202430
ت ر ت نىڭ «مۇقەددەس ئىشغالىيەت» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى قاراتاغدا كۆرسىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» ئەترەتلىرى تەرىپىدىن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا ئىشلەنگەن، يەھۇدىي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ۋەھشىيلىكلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن «مۇقەددەس ئىشغالىيەت (Holy Redemption)» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قاراتاغنىڭ پايتەختى پودگورىتسادا كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردە باشلانغان غەززە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن 2 ئاي كېيىن، «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ تەتقىقات ئەترىتى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئىسرائىلىيەلىك رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ ئارىسىغا قىيىن شارائىتتا سىڭىپ كىرىپ ئىشلىگەن «مۇقەددەس ئىشغالىيەت» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

سېنتەبىردە TRT نىڭ خەلقئارالىق قاناللىرى ۋە رەقەملىك مۇنبەرلىرىدە تارقىتىلغان بۇ ھۆججەتلىك فىلىم، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەلقئارا ئالاقە شېرىكى بولغان ئەلجەزىرە بالقان ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى ھۆججەتلىك فىلىم ۋە پىروگرامما مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر