ئىزمىر ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 102-يىللىقى تەبرىكلەندى

ئىزمىرنىڭ دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 102-يىللىقى مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلەندى.

2185107
ئىزمىر ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 102-يىللىقى تەبرىكلەندى
izmir'in kurtulusu3.jpg
izmir'in kurtulusu2.jpg
izmir'in kurtulusu1.jpg
izmir'in kurtulusu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بۇنىڭدىن 102 يىل مۇقەددەم ئىزمىرغا كىرگەندە بېسىپ ئۆتكەن لىنيەلەردە، «زەپەر يۈرۈشى» ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

تۈركىيە بايرىقى ۋە ئاتاتۈرك رەسىمىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان كەڭ خەلق ئاممىسى جۇمھۇرىيەت مەيدانىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاتاتۈرك خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويۇپ، سۈكۈتتە تۇردى. ئارقىدىن ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇدى. پائالىيەتكە، ئىزمىر شەھەر باشلىقى جەمىل تۇگاي، ۋالىي سۇلايمان ئەلبان، ئەگە ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى گېنېرال ئىرفان ئۆزسەرت قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.

جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر جەريانىدا، ئاتلىق قىسىمنىڭ ۋالىيلىك مېھمانسارىيى ئالدىدىن ئىزمىرغا كىرگەندىكى تارىخ قايتا جانلاندۇرۇلدى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئاتلىق قىسىمغا تەقلىد قىلىنغان ئاتلىقلار قوشۇنى پۇقرالارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى. شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ سۈكۈتتە تۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر ئەسكەر مېھمانساراي ئالدىدا تۈركىيە بايرىقىنى چىقاردى.

ئىزمىردە 1922-يىلى 9-سېنتەبىر دۈشمەنگە ئەڭ ئاخىرقى قاقشاتقۇچ زەربە بېرىلگەن بولۇپ، چوڭ ھۇجۇم غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشقان. ئىزمىرنىڭ ئازادلىقى لوزان تىنچلىق كېلىشىمىگە تۇتىشىدىغان تولۇق مۇستەقىللىقنىڭ يولىنى ئېچىش بىلەنلا قالماستىن، ئانادولۇنىڭ ئازادلىقىنىڭمۇ سىمۋولىغا ئايلانغان.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر