ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغان غەززەدە 17 مىڭدىن ئارتۇق بالا يېتىم قالدى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەززە مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئېچىپ، غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ پەلەستىنلىك بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى مۇھاكىمە قىلدى.

2234038
ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغان غەززەدە 17 مىڭدىن ئارتۇق بالا يېتىم قالدى

ب د ت باش كاتىپىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى توم فلېتچېر بالىلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «غەززەدە بىر ئەۋلاد روھىي زەربە يېدى. پەلەستىنلىك بالىلار ئۆلتۈرۈلدى، شۇنداقلا ئاچلىق ۋە سوغۇقتا ئۆلۈمنىڭ قوينىغا تاشلاپ قويۇلدى» دېدى.

فلېتچېر غەززەدە 17 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ يېتىم قالغانلىقىنى، 150 مىڭ ھامىلىدار ئايالنىڭ جىددىي داۋالىنىشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە تەشۋىشتىن ئازاب چېكىۋاتقان بىر مىليون بالىنىڭ روھىي ساغلاملىق ۋە ئىجتىمائىي قوللاشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بالىلار مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان يىغىندا بالىلار پاراۋانلىق فوندىغا مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشمۇ يۈز بەردى. رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسىلىي نېبېنزىيا ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندىنىڭ بالىلارغا ئائىت دوكلات سۇنماسلىقىنى تەنقىد قىلىپ، «شۇنداق كۆرۈنىدۇكى، ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى ئۈچۈن غەززەلىك بالىلار ئۇكرائىنالىق بالىلاردىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ» دېدى.

نېبېنزىيانىڭ تەنقىدىگە قارىتا، ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى مەسئۇلىنىڭ داۋوستا ئىكەنلىكى ۋە شۇ سەۋەبلىك دوكلات بېرەلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر