ئامېرىكادا بىر كۈندە 500 دىن ئارتۇق قانۇنسىز كۆچمەن قولغا ئېلىندى

ئاقساراي ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا ساقچىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا قولىدا سالاھىيىتىنى كۆرسىتىدىغان رەسمىي ماتېرىيالى بولمىغان 538 كۆچمەننى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

2234270
ئامېرىكادا بىر كۈندە 500 دىن ئارتۇق قانۇنسىز كۆچمەن قولغا ئېلىندى

 

ئاقساراي ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا ساقچىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا قولىدا سالاھىيىتىنى كۆرسىتىدىغان رەسمىي ماتېرىيالى بولمىغان 538 كۆچمەننى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى، يەنە 373 كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش تەلىپى چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «بۇ پەقەت ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت چېگرالىرىنى بىخەتەر ھالغا كەلتۈرۈش يولىدا تاشلايدىغان قەدەملىرىنىڭ كىچىككىنە بىر كۆرۈنۈشى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

قولغا ئېلىنغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە سادىر قىلغان جىنايەتلىرى «مىسال» سۈپىتىدە X تە ئېلان قىلىندى.

نازارەت ئاستىغا ئېلىش ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان نيۇئارك شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى راس باراكا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «نيۇئارك كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز شەكىلدە ۋەھىمىلەرگە دۇچار قىلىنىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ» دېدى.

نيۇئاركتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتكە «قورقۇنچلۇق» دەپ باھا بەرگەن باراكا، قولغا ئېلىنغانلاردىن بىرىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ پىشقەدەم جەڭچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر