ترۇدو: ترامپ كانادانى باج ئارقىلىق جازالىسا، نەتىجىسى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا يانىدۇ

ۋەزىپىدىن ئايرىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تاموژنا بېجى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە رەددىيە قايتۇردى.

2234228
ترۇدو: ترامپ كانادانى باج ئارقىلىق جازالىسا، نەتىجىسى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا يانىدۇ

ۋەزىپىدىن ئايرىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو پايتەخت ئوتتاۋادا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئەگەر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىغا  %25 تاموژنا بېجى قويسا، كانادانىڭمۇ قايتۇرما ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، قوشۇمچە باج قويۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ دېگۈدەك ھەممە نەرسىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ كانادا ۋە مېكسىكىغا %25 تاموژنا بېجى قويۇش پىلانىنىڭ 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

دونالد ترامپنىڭ مېكسىكادىن قالسا ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولغان كاناداغا ئېغىر تاموژنا بېجى قويۇشى ئاپتوموبىل، ياغاچ-تاختاي ۋە نېفىت بازارلىرىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئەھۋال ئامېرىكا پۇقرالىرىغا تېزلا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

كانادانىڭ نېفىتكە باي ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ باش مىنىستىرى دانىيېل سىمىت، ترامپ كانادا نېفىتىگە باج قويسا، بەزى ئامېرىكا ئىشتاتلىرىدا بېنزىن باھاسىنىڭ ھەر گاللوندا بىر دوللاردىن ئارتۇق ئۆرلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر