ترامپ: زېلېنسكىي ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تەييار

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزالاش مۇراسىمىدىن كېيىن، كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

2234009
ترامپ: زېلېنسكىي ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تەييار

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ ئۇرۇشنى توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.ئۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ «قالايمىقان» ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ دەرھال ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «ئاڭلىشىمچە پۇتىن مەن بىلەن دەرھال كۆرۈشمەكچى ئىكەن. دەرھال كۆرۈشىمەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان مۇنداق ئۇرۇش مەيدانى كۆرۈلۈپ باقمىغان. بۇ ئۇرۇش توختىتىلسا ياخشى بولاتتى» دېدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىينىڭ سۆھبەتكە تەييار ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەن ترامپ: «زېلېنسكىي ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن سۆھبەتلىشىشكە تەييار. ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ناھايىتى كۆپ ئەسكەر يوقاتتى» دېدى.

ترامپ خىتاينىڭ رۇسىيە ئۈستىدە مەلۇم تەسىر كۈچى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭمۇ بۇ نوپۇزنى ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر