ترامپ كىم جوڭئۇن بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جوڭ ئۇن بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2234062
ترامپ كىم جوڭئۇن بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ فوكس تېلېۋىزىيەسىنىڭ «شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم بىلەن ئالاقىلىشىش مەسىلىسى»گە دائىر بىر سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقىلىشىمەن. كىم ئەقىللىق ئادەم. كىم جوڭ ئۇن پاراسەتلىك ئادەم. ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن ياخشى چىقىشىمەن» دېدى.

ترامپ 2019-يىلى 6-ئايدا شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جوڭ ئۇن بىلەن يېرىم ئارالنى شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورىيە قىلىپ ئىككىگە بۆلگەن «قورالسىزلاندۇرۇلغان رايون»دا قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن، شۇنداقلا شىمالىي كورىيە زېمىنىغا قەدەم باسقان تۇنجى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر