پۇتىن ترامپنىڭ كۆرۈشۈش سىگنالى بېرىشىنى كۈتمەكتە

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارغا سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

2234272
پۇتىن ترامپنىڭ كۆرۈشۈش سىگنالى بېرىشىنى كۈتمەكتە

كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەيانىدا، يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىش جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۆھبەتلىشىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى، يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىشقا دائىر قانۇنىي رامكىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن بۇزۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پېسكوۋ پۇتىن بىلەن ترامپنىڭ كۈرۈشۈش ئېھتىماللىقى ھەققىدە توختىلىپ: «پۇتىن تەييار. ئامېرىكانىڭ سىگنال بېرىشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ ترامپنىڭ «نېفىت باھاسى تۆۋەنلىسە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىدۇ» دېگەن سۆزىنى تەھلىل قىلىپ: «بۇ توقۇنۇش نېفىت باھاسىغا باغلىق ئەمەس. بۇ توقۇنۇش رۇسىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەلۇم رايونلاردا ياشاۋاتقان رۇسلارنىڭ ھاياتىغا قارىتىلغان تەھدىتلەر، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ رۇسىيەنىڭ ئەندىشىلىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىشى سەۋەبىدىن يۈز بەرمەكتە» دېدى.

پېسكوۋ ترامپنىڭ «زېلېنسكىي كېلىشىمگە تەييار» دېگەن سۆزىگە باھا بېرىپ: «زېلېنسكىي كېلىشىمگە تەييار بولالمايدۇ. چۈنكى كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش كېرەك. زېلېنسكىي ئۆزى قارارنامە چىقىرىپ، سۆھبەتلىشىشنى چەكلىگەنىدى» دېدى.


خەتكۈچ: #ترامپ , #پۇتىن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر