رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك كېلىشىمى ئىمزالىدى

رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدا 2026-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە بولغان جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان  شەكىلدە ھەربىي ساھە ئستراتېگىيەلىك شېرىكلىك كېلىشىمى (پىروگراممىسى) ئىمزالاندى.

2233407
رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك كېلىشىمى ئىمزالىدى

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندرېي بېلوئۇسوۋنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتكە زىيارەتتە بولۇپ، ئۆزبېكىستانلىق خىزمەتدىشى شۆھرەت خالمۇھامەدوۋ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، بېلوئۇسوۋ زىيارەت جەريانىدىكى سۆزىدە، ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئورتاق خىزمەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بىخەتەرلىكنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەر ۋە ئۇزۇن يىللىق دوست دۆلەتلەر» دېگەن.

ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بېلوئۇسوۋ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

بېلوئۇسوۋ بىلەن خالمۇخامەدوۋ سۆھبەتتىن كېيىن رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئارىسىدا 2025-يىلدىكى ھەمكارلىق پىلانى ۋە 2026-2030-يىللىرىدىكى ھەربىي ساھە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك پىروگراممىسىنى ئىمزالىغان.

بېلوئۇسوۋ مۇراسىمدىن كېيىن پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان؛ مىرزىيايېۋ بېلوئۇسوۋ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي ۋە سىياسىي ۋەزىيەت توغرىسىدا سۆزلەشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر