كونگودا 600  نەپەر ئىسيانچى قورال تاشلىدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىتۇرى ئۆلكىسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىسيانچى «زائىر ئۆزىنى قوغداش گۇرۇپپىسى» نىڭ 600 ئەزاسى، ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن قورال تاشلىدى.

2233271
كونگودا 600  نەپەر ئىسيانچى قورال تاشلىدى

دۆلەتلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتۇرى ئۆلكىسىگە قاراشلىق مابانگا يېزىسىدا قورال تاشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمدا، 600 ئىسيانچى قورال تاشلىغان.

ئىسيانچىلار ئالاقىدار مەسئۇللارغا قورال-ياراقلىرىنى تاپشۇرغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تېخى ئىشلىتىلمىگەن تەخمىنەن 24 تىرىلىيون دوللارلىق مول يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئىگە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە، كۈمۈش، مىس، كوبالت، ئالتۇن، كولتان ۋە ئالماس قاتارلىقلار ئونلىغان قىممەتلىك مەدەنلەرنىڭ پەقەت بىر قىسمى سۈپىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا چىقماقتا.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى، تەخمىنەن 20 يىلدىن بېرى ئالتۇن ۋە قىممەتلىك مەدەنلەرنى ئالقىنىغا كىرگۈزىۋىلىشقا ۋە رايوندا تېررىتورىيە ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپىلارغا قارشى كۈرەش قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر