ھاماس، تېل-ئاۋىۋدا تۆت كىشى يارىلانغان پىچاقلىق ھۇجۇم ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ھاماس، تېل-ئاۋىۋدا تۆت كىشى يارىلانغان پىچاقلىق ھۇجۇمنىڭ، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى جەنىن شەھىرى ۋە مۇساپىرلار لاگېرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا قايتۇرۇلغان تەبىئىي جاۋاب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2233317
ھاماس، تېل-ئاۋىۋدا تۆت كىشى يارىلانغان پىچاقلىق ھۇجۇم ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ھاماس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «پىچاقلىق ھۇجۇم؛ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى، ھۇجۇملىرى ۋە قەتلىئاملىرى داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا، قارشىلىق كۆرسىتىش دولقۇنىنىڭمۇ كۈچىيىپ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

تېل-ئاۋىۋدىكى ھەرىكەتنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ نۇرغۇن كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە يارىلاندۇرغان جەنىن شەھىرى ۋە مۇساپىرلار لاگېرىدىكى ھۇجۇملىرىغا قايتۇرۇلغان تەبىئىي جاۋاب» ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، «ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ‹بۇ، قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ، زوراۋان تۈزۈلمىنىڭ (يەنى ئىسرائىلىيەنىڭ) چوڭقۇر قاتلىمىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرىدىغانلىقى› يۆنىلىشىدە بېرىلگەن چوڭقۇر بىر ئۇچۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ، غەربىي قىرغاقتا مەيداندا بىرەر نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بارلىق ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ «نەتىجىسىز» بولىدىغانلىقى، ئۆزىگە ياكى قانۇنسىز يەرلەشكۈچىلىرىگە بىخەتەرلىك ۋە ئامانلىق ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ياشاۋاتقان پەلەستىنلىكلەردىن «ئىشغالىيەتچى كۈچلەر ۋە يەرلەشكۈچى مىلىتارىستلارغا قارشى قارشىلىق كۆرسىتىشنى كۈچەيتىشى ۋە قوللىرىدىكى بارلىق قارشىلىق كۆرسىتىش ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانىدىكى جەنىن ۋە باشقا شەھەرلەرگە ياردەم قىلىشى» تەلەپ قىلىندى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ جەنىن مۇساپىرلار لاگېرىغا باشلىغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرىدا بىر كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 10 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 35 كىشى يارىلانغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە جىددىي ياردەم مۇلازىمىتى قىزىل داۋۇت يۇلتۇزى تۈنۈگۈن كەچتە تېل-ئاۋىۋنىڭ مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان پىچاقلىق ھۇجۇمدا 4 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتى بولسا، پىچاقلىق ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغانلىقى ئېيتىلغان كىشىنىڭ رايوندا بىرسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان ماراكەشتە تۇغۇلغان كىشىنىڭ، ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئىكەنلىكى ۋە 18-يانۋاردا ئىسرائىلىيەگە كەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر