ب د ت دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى غەربىي قىرغاققا كېڭەيتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىن ئالاھىدە دوكلاتچىسى فرانچېسكا ئالبانېسې، ئەگەر توختىتىلمىسا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققىمۇ كېڭەيتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

2233263
ب د ت دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى غەربىي قىرغاققا كېڭەيتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى

ئالبانېسې ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەربىي قىرغاقنىڭ شىمالىدىكى جەنىن مۇساپىرلار لاگېرىغا تۈنۈگۈن باشلىغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك يازما بايانات ئېلان قىلدى.

غەززەدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ جەنىن مۇساپىرلار لاگېرىغا ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئالبانېسې، تۈنۈگۈنكى ھۇجۇمدا 10 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالبانېسې، ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئەگەر مەجبۇر توختىتىلمىسا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى غەززە بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن جەنىن مۇساپىرلار لاگېرىغا باشلىغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرىدا بىر كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 10 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 35 پەلەستىنلىك يارىدار قىلىنغان ئىدى.  

ھەربىي ئاپتوموبىللاردىن باشقا يەنە قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى بىلەنمۇ جەنىن مۇساپىرلار لاگېرىغا بېسىپ كىرگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر