ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى يىسرائېل كاتس، لازىقىييە پورتىغا ئېلىپ بارغان ھۇجۇم ھەققىدە توختالدى

ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى يىسرائېل كاتس، لازىقىييە پورتىغا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمدا سۈرىيەنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى يوق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

2219440
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى يىسرائېل كاتس، لازىقىييە پورتىغا ئېلىپ بارغان ھۇجۇم ھەققىدە توختالدى

ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، كاتس خايفا شەھىرىدىكى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى زىيارەت قىلغان.

كاتس بۇ يەردە، ئالدىنقى كۈنى لازىقىييە پورتىغا ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملارغا دائىر مەسئۇللاردىن مەلۇمات ئالغان.

لازىقىييە پورتىغا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان كاتس، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھۇجۇم  ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى يوق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كاتس، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيە چېگراسىدىكى تەڭپۇڭ رايونىنى ئىشغال قىلىشىنى تاماملاشقا ئاز قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، بەشار ئەسەدنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن سۈرىيەگە قارىتا ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچەيتكەن ھاۋا ھۇجۇملىرى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئەسەد ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان 320 ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پاچاقلانغان نىشانلار ئارىسىدا سۈرىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئامبارلىرى، ھەربىي ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچارلاردىن باشقا يەنە ھەربىي پاراخوتلارنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا،  مەزكۇر ھۇجۇملاردا بائاس پارتىيەسى ھاكىمىيىتىدىن قالغان سۈرىيەنىڭ ھەربىي قابىلىيىتىنىڭ 70 پىرسەنتىدىن كۆپىرەكىنىڭ يوق قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر