تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئىسرائىلىيەگە يالۋۇرۇپ ياردەم ۋە قوغداش تەلەپ قىلدى
سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئىسرائىلىيەگە يالۋۇرۇپ، ياردەم ۋە قوغداش تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
«جېرۇسالىم پوشتا گېزىتى»گە چىققان خەۋەردە، ئەسەد ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە يالۋۇرۇپ، ياردەم ۋە قوغداش تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەۋەردە، بۇ تەلەپنىڭ قانداق سۇنۇلغانلىقى ياكى ئىسرائىلىيەنىڭ قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىگە دائىر تەپسىلاتلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىدىئون سائار، ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ مۇنبىچقا قىلغان ھۇجۇمىدىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
سائار، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ غا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
سۈرىيەدە يەكشەنبە كۈنى 61 يىللىق بائاس ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، بەشار ئەسەد ئۆز دۆلىتىدىن قاچقان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
رۇسىيەنىڭ پاراخوتى ئاقدېڭىزدا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
رۇسىيەنىڭ ئاقدېڭىزدا چۆكۈپ كەتكەن يۈك پاراخوتىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.