ئىسرائىلىيە لىۋان بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، لىۋان بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنىڭ 5-كۈنىدە ئەڭ ئاز دېگەندە 10 قېتىم كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى.

2215999
ئىسرائىلىيە لىۋان بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

لىۋاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى NNA ، دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى خىيام يېزىسىغا 4 توپ ئوقى چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بىر توپ ئوقى، مارجايۇن ئېگىزلىكى بىلەن خىيام يېزىسى ئارىسىدىكى تاغ ئۆيلىرىنىڭ بىرىگە چۈشكەن.

خىيام يېزىسىدا چوڭ بىر پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بەزى ئۆي ۋە بىنالارنى پارتلىتىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئىسرائىلىيە يەنە خىيام يېزىسى ئەتراپىغا 3 توپ ئوقى ئاتقان بولۇپ، بىر توپ ئوقلىرى ئىبل بۇلىقى، جەلاھىييە ۋە مارجايۇن رايونلىرىغا چۈشكەن. يېزىدا ئېغىر قوراللارنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلانغان.

لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى سۇر رايونىدا، بولۇپمۇ يارۇن ۋە مارۇن يېزىلىرى ئەتراپىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، نىباتىيە شەھىرىدىكى مارۇن ئەر-راس يېزىسى ئەتراپىدىن بىنت جۇبەيل شەھىرىگە قارىتىپ ئوق چىقاردى.

بەزى مەھەللىلەردىن تۈتۈنلەرنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكى كۆرۈلدى ۋە بەزى ئۆيلەر بۇلدوزېرلار بىلەن ۋەيران قىلىندى.

27-نويابىردا ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغان دەسلەپكى كۈندىن بۇيان باشلانغان خىلاپلىق قىلىشلار، دەسلەپكى ئۈچ كۈندە 38 قېتىم تەكرارلاندى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈنمۇ 24 قېتىم كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر