شولز ئۇكرائىنانى زىيارىتىنى باشلىدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا باردى.

2216092
شولز ئۇكرائىنانى زىيارىتىنى باشلىدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا كىيېۋدا چۈشكەن بىر پارچە سۈرىتىنى ئېلان قىلدى.

ئۇچۇرىدا چامادانىنى ئالغان ھالدا پويىزدىن چۈشۈۋاتقان كۆرۈنۈشىنى ھەمبەھرىلىگەن شولز: «ئۇكرائىنا بىزگە ئىشەنسە بولىدۇ. بىز نېمە قىلىدىغانلىقىمىزنى دەيمىز ۋە دېگىنىمىزنى قىلىمىز. بۇنى يەنە بىر قېتىم ئېنىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۈگۈن كەچتە كىيېۋغا يولغا چىقتىم. مەن رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى 1000 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان بىر دۆلەتتىن پويىزدا ئولتۇرۇپ ئۆتتۈم» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن شولز، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈشىدە، ئۆزلىرىگە 12-ئايدا 650 مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى يېڭى مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر