نىگېرىيەدە 1 مىليون 200 مىڭ لىتىر ئوغرىلانغان نېفىت قولغا چۈشۈرۈلدى
ئافرىقا قىتئەسىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى ئەڭ مول دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان نىگېرىيەدە 1 مىليون 200 مىڭ لىتىر ئوغرىلانغان نېفىت قولغا چۈشۈرۈلدى.
نىگېرىيە ئارمىيەسى ئاممىۋى مۇناسىۋەت باشلىقى دانجۇما جوناھ دانجۇما، ئارمىيەنىڭ دۆلەتنىڭ نېفىت رايونى نېگېر دەلتاسىدا نېفىت ئەتكەسچىلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دانجۇما، ھەرىكەت جەريانىدا 56 قانۇنسىز نېفىت تازىلاش زاۋۇتىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى، 1.2 مىليون لىتىر ئوغرىلانغان نېفىتنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. ھەرىكەت جەريانىدا 17 نېفىت ئەتكەسچىسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە 20 ئەتكەسچىلىك پاراخوتىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
نىگېرىيەدىكى نېفىت ئوغرىلىقى دۆلەت ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە.
نىگېرىيەلىك پالاتا ئەزاسى نېد نۋوكو 2023-يىلدا دۆلەت مىقياسىدا ئەۋج ئالغان نېفىت ئوغرىلىقى ۋە تۇرۇببا لىنىيەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن دۆلەت ئىقتىسادىغا 3 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق زىيان يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
نىگېرىيەنىڭ ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسى 37 مىليارد ۋارىل بولۇپ، دۇنيا زاپىسىنىڭ 3.1 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.
خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىلىشىدا دۇنيا بويىچە دەسلەپكى 15 دۆلەت ئىچىدە ئورۇن ئالغان نىگېرىيە، نېفىت زاپىسى ئەڭ كۆپ 8- دۆلەت ۋە نېفىت ئېكسپورتى جەھەتتە 6- دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.
نېفىت قۇدۇقلىرى بولغان دەلتا رايونىدا، قوراللىق گۇرۇھلار نېفىت ساھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، توقۇنۇش ۋە كىشىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋىلىش قاتارلىق ۋەقەلەرنى تۇغدۇرۇپ كەلمەكتە.