مېكسىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 9 كىشى قازا قىلدى

مېكسىكانىڭ شىمالىدىكى بىر قەھۋەخانىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 9 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

2216006
مېكسىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 9 كىشى قازا قىلدى

يەرلىك ماتبۇئاتقا چىققان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، گۇانجۇئاتو ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئاپاسىيو دېل گراندېي يېزىسىدىكى بىر قەھۋەخانىغا ۋە ئەتراپىدىكى خىرىدارلارغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىنغان.

ھۇجۇمدا، 9 كىشى نەخ مەيداندا قازا قىلىپ، 5 كىشى يارىلانغان.

شاھىتلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچىلار ئاۋۋال قەھۋەخانىدىكىلەرنى، ئاندىن ئەتراپتىكى خىرىدارلارنى تۇيۇقسىز ئوققا تۇتقان.

قېچىپ كەتكەن ھۇجۇمچىلارنى تۇتۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر