جو بايدىن باج ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئوغلى ئۈچۈن كەچۈرۈمنامە ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئىلگىرىكى سۆزىنىڭ ئەكسىچە باج ئوغرىلاش ۋە قانۇنسىز قورال ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئوغلى خانتىر بايدىن ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتتى.

2216015
جو بايدىن باج ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئوغلى ئۈچۈن كەچۈرۈمنامە ئېلان قىلدى

جو بايدىن كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، ئامېرىكا پالاتاسىدىكى جۇمھۇريەتچىلەرنىڭ دېلونى ئۆز پايدىسغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ھەممە نەرسىنى قىلغانلىقىنى ۋە ئادالەت چېگراسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئوغلى توغرىسىدىكى دېلونىڭ "سىياسىي ئىنتىقام" مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بايدىن: «ئوغلۇم ناھەق سوتلانماقتا. ئۈمىد قىلىمەنكى، ئامېرىكالىقلار بىر ئاتىنىڭ ۋە بىر پىرېزىدېنتنىڭ نېمىشقا بۇ قارارنى بەرگەنلىكىنى چۈشىنەلەيدۇ» دېدى.

خانتىر بايدىن، كالىفورنىيەدە 1.4 مىليون دوللارلىق باج ئوغۇرلىغانلىقى سەۋەبىدىن جىنايەتچى دەپ قارالغان ۋە دېلاۋەردىكى قانۇنسىز قورال سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى يەنە بىر دېلودا 3 جىنايەتتىن جىنايىتى بېكىتىلگەن ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكانىڭ 47-پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپ، پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ، باج ئوغرىلاش ۋە قانۇنسىز قورال سېتىۋېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئوغلى خانتىر بايدىن ئۈچۈن كەچۈرۈم ھوقۇقىنى ئىشلەتكەنلىكىگە قارىتا «ئادالەتنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىشى ۋە خاتا ئىشلىتىلىشى» دەپ باھا بەردى.

ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم ۋەزىپەدىكى بىر پىرېزىدېنتنىڭ ئوغلىغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەردە سوتتا جىنايەتچى دەپ جەزملەشتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر