رۇسىيەدە قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگۈچى 14 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
رۇسىيەدە ئۆتكەن يىلى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن نىكىتا جۇراۋېل «دۆلەتكە خائىنلىق» قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 14 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
ۋولگوگراد رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاستىلىرى باشقارمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، نىكىتا جۇراۋېل رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن، بۇ ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان.
ۋولگوگراد رايونلۇق سوت مەھكىمىسى جۇراۋېلنى «دۆلەتكە خائىنلىق» قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەپ، 14 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان، جۇراۋېلمۇ «دۆلەتكە خائىنلىق» قىلىش جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان.
نىكىتا جۇراۋېل 2023-يىلى مايدا رۇسىيەنىڭ ۋولگوگراد شەھىرىدىكى بىر جامەنىڭ ئۇدۇلىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە چېچېنىيەگە ئەۋەتىلگەنىدى.
رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە قاراشلىق چېچېنىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى سوت مەھكىمىسى 27-فېۋرال كۈنى جۇراۋېلنى «مەنىۋى قىممەت قاراشلارغا ھاقارەت قىلغانلىقى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغانلىقى» سەۋەبىدىن 3 يېرىم يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
رۇسىيەنىڭ پاراخوتى ئاقدېڭىزدا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
رۇسىيەنىڭ ئاقدېڭىزدا چۆكۈپ كەتكەن يۈك پاراخوتىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.