ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىۋاندا

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئېراقچى تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتقا يېتىپ باردى.

2194864
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىۋاندا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابباس ئېراقچىنىڭ لىۋان باش مىنىستىرى نەجىب مىيقاتى قاتارلىق بەزى لىۋان رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىسمائىل بەقايى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ئىككى پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئىران قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان ئابباس ئېراقچى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ لىۋان دائىرىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بېيرۇتقا يېتىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ يەنە، ئابباس ئېراقچىنىڭ بېيرۇت زىيارىتى جەريانىدا ئىراننىڭ 10 توننا يېمەكلىك ۋە دورادىن تەركىب تاپقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى لىۋان دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر