ئامېرىكا: ئىسىرائىلىيە بىلەن ئىرانغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇش مەسىلىسىنى سۆزلىشىۋاتىمىز

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) ئىراننىڭ ئىسىرائىلىيەگە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا جاۋاب قايتۇرۇش مەسىلىسىدە، ئىسىرائىلىيە بىلەن سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2194660
ئامېرىكا: ئىسىرائىلىيە بىلەن ئىرانغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇش مەسىلىسىنى سۆزلىشىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگون مۇئاۋىن باياناتچىسى سابرىنا سىنىگ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىراننىڭ 1-ئۆكتەبىر قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا جاۋاب قايتۇرۇش مەسىلىسىدە، ئامېرىكانىڭ ئىسىرائىلىيە بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بىراق، ئىسىرائىلىيەنىڭ جاۋابىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپ بىر نەرسە دېيەلمەيمەن» دېدى.

ئۇ مۇخبىرلارنىڭ قايتا-قايتا سورىشى سەۋەبىدىن، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ «ئالاھىدە» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىز بەكىرەك ئىسىرائىلىيەنىڭ جاۋابىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە تىرىشىۋاتىمىز، ئەمما بۇ توغرىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيمەن» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ مەزكۇر مەسىلىنى تېل ئاۋىۋ بىلەن داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ رايوندا توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز ھېچقايسى دۆلەت ياكى گۇرۇپپا بىلەن توقۇنۇشنى خالىمايمىز، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە ئىرانمۇ بار» دېدى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسى 1-ئۆكتەبىر (2024) ئىراننىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكى» گە تەھدىت سالغان ئىسىرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغىغان ئىدى. ئىراننىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ھۇجۇمنىڭ ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييە، ھىزبۇللاھ رەھبىرى ھەسەن ناسراللاھ ۋە ئىران گېنېرالى نىلفۇرۇشاننىڭ ئۆلۈمىگە جاۋاب قايتۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

ئىران تېلېۋىزىيەسى ئىسىرائىلىيەگە تەخمىنەن 200 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىلغانلىقىنى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى سۈرئەتكە ئىگە «1-فەتتاھ» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ بىرىنچى قېتىم ھۇجۇمدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ھۇجۇمدىن كېيىن، ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ  ئىراننىڭ «چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە بەدىلىنى تۆلەيدىغانلىقىنى» ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر