ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە يەمەنگە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يەمەننىڭ غەربىدىكى ھۇدەيدە شەھىرىگە 2 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
2194856
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇسىيلارغا تەۋە «‹ئەلمەسىرە› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھۇدەيدە شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ئەلجەببانە رايونىغا 2 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان.
خەۋەرلەردە، بومباردىمان كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيە بۇ ھۇجۇملار توغرىسىدا تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان ھۇدەيدە شەھىرىدە خەلقئارا ئايرودۇرۇم بىلەن 3 پورت بولغاچقا، بۇ شەھەر يەمەندىكى ئەڭ مۇھىم شەھەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
ھۇسىيلارغا تەۋە ھاۋا مۇداپىئە لاگېرلىرىنىڭ بىرىمۇ ئەلجەببانە رايونىغا جايلاشقان.