تەيۋەندە بىر دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
تەيۋەننىڭ جەنۇبىدىكى پىڭتۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 9 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
2194826
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەننىڭ «‹CNA› ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەننىڭ جەنۇبىدىكى پىڭتۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دوڭگاڭ ناھىيەسىدىكى بىر دوختۇرخانىدا تۈنۈگۈن (3-ئۆكتەبىر) چۈش تەرەپلەردە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 8 بىمار بىلەن بىر دوختۇرخانا خىزمەتچىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ۋەقەدىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئوت ئاپىتىنى كونترول قىلغان، 323 بىمار قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، باشقا دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
يوقاپ كەتكەن دەپ قارالغان بىر بىمار ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن سىرتقا چىققان.
ئىگىلىنىشىچە، ئوت ئاپىتى زاپچاس ئامبىرىدىكى ئۈسكۈنىلەردە ياكى ئېلېكتىر زاپچاسلىرىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن.