غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 41 مىڭ 802 گە يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 14 ئادەم كۆپىيىپ، 41 مىڭ 802 گە يەتتى.

2194955
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 41 مىڭ 802 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 364 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا يۈرگۈزگەن 3 قېتىملىق قەتلىئاملىرى داۋامىدا يەنە 14 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 50 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىندى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا 296 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 837 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023 - يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 41 مىڭ 802 گە، يارىلانغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 96 مىڭ 844 كە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدىمۇ ئۆلۈكلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇ بولۇشى سەۋەبىدىن داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى ئالالمايۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر