ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيە «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» ئېلان قىلغان گۇتېررېسنى قوللىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيە «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» ئېلان قىلىپ، بۇ دۆلەتكە كىرىشىنى چەكلىگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېسنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2194288
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيە «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» ئېلان قىلغان گۇتېررېسنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوزېف بورېل ئىسرائىلىيە «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» ئېلان قىلىپ، بۇ دۆلەتكە كىرىشىنى چەكلىگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېسنى تولۇق قوللايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

جوزېف بورېل ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:  

«گۇتېررېس دۇچ كەلگەن ناھەق ھۇجۇملاردىن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىملىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلۈپ كېتىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمىز ھەم بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېسنىڭ بارلىق توقۇنۇشلاردا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا تىنىم تاپماي كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى تولۇق قوللايمىز.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېز مىشېلمۇئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:  

«ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى ھەم باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېررېسنى تولۇق قوللايمىز.»

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىيچىلىكنى دەرھال ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنى «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ دۆلەتكە كىرىشىنى چەكلىگەنىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېسنىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان ئىراننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغانلىقى ۋە تېھراننىڭ ھۇجۇمىنى «بىۋاسىتە ئەيىبلىمىگەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

گۇتېررېس 1-ئۆكتەبىر (2024) ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى ئەيىبلەيمەن» دېگەن ھەمدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىلىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر